باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پولات-تۆمۈر، كۆمۈر كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش يىللىق نىشانىنىڭ %80ى تاماملاندى

2016.10.26 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 25- ئۆكتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شۈ كۈنلىن مۇنداق دېدى: 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پولات-تۆمۈر، كۆمۈر كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش يىللىق نىشان ۋەزىپىسىنىڭ %80تىن كۆپرەكى تاماملاندى، قىسمەن جايلار ۋە مەركەز كارخانىلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىنى تاماملىدى. ھازىرقى خىزمەت سۈرئىتى بويىچە، 2016- يىللىق مەملىكەت بويىچە پولات-تۆمۈر كۆمۈر كەسپىنىڭ ئارتۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىغىلى بولىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش سۈرئىتىنىڭ نىشانغا يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، پولات-تۆمۈر، كۆمۈر كەسپىدە كۆرۈنەرلىك پائال ئۆزگىرىش بولغان.

  ئالدى بىلەن كەسىپ ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، پولات-تۆمۈر، كۆمۈر باھاسى ئۆرلەپ، قەرزنى ئارقىغا سۆرەش كۆرۈنەرلىك ئازلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تىجارەت ئۈنۈمىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، پولات-تۆمۈر، كۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتى ياخشىلىنىپ، نەق پۇل ئېقىمى قىس بولۇش، بىخەتەرلىك سېلىنمىسى قەرزدار بولۇش، مائاش تارقىتالماسلىق، كېچىكىپ تارقىتىش قاتارلىق چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەر كۆرۈنەرلىك پەسەيگەن.

  ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش كەسىپنىڭ ئىچكى قىسمىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، پولات-تۆمۈر، كۆمۈر كەسپى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي كەسپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەسىپنىڭ ياخشىلىنىشى چېتىلمە كەسىپلەرنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل ماكرو ئىگىلىككە بولغان ئاكتىپ تەسىرىمۇ كۈنسېرى كۈچەيگەن. پولات-تۆمۈر، كۆمۈر نەق مېلى، زاكاز مال سودىسىنىڭ پۈتۈشۈش مىقدارىمۇ كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، باھاسى تەدرىجىي ئۆرلەپ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھا كۆرسەتكۈچى(PPI) بىلەن ياساش كەسپىنىڭ سېتىۋېلىش دىرېكتورلار كۆرسەتكۈچى (PMI)نىڭ ئېشىشىدا پائال رول ئوينىغان.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر