باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «<ساغلام جۇڭگو-− 2030> يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2016.10.26 15:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «<ساغلام جۇڭگو - 2030> يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «<ساغلام جۇڭگو - 2030> يىرىك پىلان پىروگراممىسى» جەمئىي سەككىز بۆلەك، 29 بابتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي ئىستراتېگىيە، ساغلام تۇرمۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ساغلاملىق كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساغلام مۇھىت بەرپا قىلىش، ساغلاملىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، تايانچ ۋە كاپالەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ساغلاملىق ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈر تەلىپى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي شەرتى. خەلقنىڭ ساغلام بولۇشى، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم بەلگىسى، شۇنداقلا مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

  ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش −− ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى، ئۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدىغان، خەلق ساغلاملىقىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار بىلەن ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، شۇنداقلا دۇنيا ساغلاملىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى توغرىسىدىكى خەلقئارا ۋەدىسىنى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. كەلگۈسى 15 يىل ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى. ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ، ئىستېمال قۇرۇلمىسى دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كەڭ ماكانغا ئىگە قىلىدۇ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچلۈك تايانچقا، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈمنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى ۋە قېلىپلىشىشى ساغلاملىق ساھەسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  يىرىك پىلاندا مۇنداق تەكىتلەندى: ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش بىر گەۋدىلەشكەن» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك بولۇش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ھەم ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا بولغان ساقلىقنى ساقلاش، ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى يادرو، تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ساغلام تۇرمۇشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى، ساغلاملىق كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى، ساغلام مۇھىت بەرپا قىلىشنى، ساغلاملىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ساغلاملىق ئىدىيەسىنى بارچە سىياسەتكە سىڭدۈرۈپ، ساغلاملىق ساھەسىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ھەر تەرەپلىمە، ئەتراپلىق قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ، ساغلاملىق سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ساغلاملىق ئادىل بولۇشنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇستەھكەم ساغلاملىق ئاساسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.يىرىك پىلان ئاساسلىقى ساغلاملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، ئادىل - ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ.

  يىرىك پىلاندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئورتاق قۇرۇش - ئورتاق بەھرىلىنىش، ئومۇمىي خەلق ساغلام بولۇش» −− ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك باش تېمىسى. ئۇنىڭ يادروسى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ساغلاملىقنى بارچە سىياسەتكە، خەلقنىڭ ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش بويىچە ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلاملىق خىزمەت فاڭجېنىغا سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت.ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش −− ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنىڭ ئاساسىي يولى. يانداش تەمىنات ۋە يانداش تەلەپتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن كۈچ چىقىرىپ، جەمئىيەت، ساھە، شەخستىن ئىبارەت ئۈچ قاتلام بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاپ، ساغلاملىقنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى −− ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنىڭ تۈپ مەقسىتى. ئومۇمىي خەلق ۋە ھەممە ئادەم توپى ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىشنى مەۋقە قىلىپ، ئادىل، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ئىزچىل ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2020 - يىلىغا بارغاندا شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش، ساغلاملىق ساپاسى سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش، ساغلاملىق مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەممە كىشى ئاساسىي داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى ۋە ئاساسىي تەنھەرىكەت - بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش، مەزمۇنى مول، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ساغلاملىق كەسپى سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش، ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  2030 - يىلىغا بارغاندا ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق تۈزۈمى سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشىنى، ساغلاملىق ساھەسى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ماس بولۇشىنى، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ تېخىمۇ ئومۇملىشىشىنى، ساغلاملىق مۇلازىمىتى سۈپىتى ۋە ساغلاملىق كاپالەت سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىنى، ساغلاملىق كەسىپلىرىنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىنى، ساغلاملىقنىڭ ئادىل بولۇشىنى ۋە ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2050 - يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەتكە ماس كېلىدىغان ساغلام دۆلەت قۇرۇش كېرەك.

  2030 - يىلىغا بارغاندا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى نىشانغا يېتىش كېرەك:

  خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، 2030 - يىلىغا بارغاندا كۆزلىمە ئوتتۇرىچە ئۆمۈرنى 79.0 ياشقا يەتكۈزۈش، كۆزلىمە ئوتتۇرىچە ساغلام ئۆمۈرنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ساغلاملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق ئامىللارنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇش، ساغلاملىققا پايدىلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش، يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش، بىر تۈركۈم ئېغىر كېسەللەرنىڭ زىيىنىنى تۈگىتىش كېرەك.

  ساغلاملىق مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرىكمە تېببىي داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە مۇكەممەل بولغان ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش، ساغلاملىق كاپالەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساغلاملىق پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكۈزۈش، ساغلاملىق مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ساغلاملىق كەسپىنىڭ كۆلىمىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتىش كېرەك. سىستېمىسى مۇكەممەل، قۇرۇلمىسى سەرخىل بولغان ساغلاملىق كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، بىر قەدەر كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ھەم ئۇنى خەلق ئىگىلىكىنىڭ تايانچ كەسپىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈم - سىستېمىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ساغلاملىققا پايدىلىق سىياسەت، قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ساغلاملىق ساھەسىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر