باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشىدە، ھاۋانىڭ ساپلىقى جەھەتتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %75.4غا يەتتى

2016.10.25 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ھاۋا سۈپىتى ئۇقتۇرۇشىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۇنجى قېتىم «دۆلەت نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش تۈرى»گە كىرگۈزۈلگەن ھاۋانىڭ ساپلىقىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %75.4غا يەتكەن.

  دۆلەت سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسى بۇ قېتىم جەمئىي سەككىز ئۆلكە (شەھەر)دىكى 56 كارخانا ئىشلەپچىقارغان 61 تۈركۈم (قېتىم) مەھسۇلاتنى تەكشۈرۈپ، مۇشۇ ساھەدىكى داڭلىق ماركىلىق كارخانىلارنى نۇقتىلىق قاپلىدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 14 كارخانا ئىشلەپچىقارغان 15 تۈركۈم (قېتىم) مەھسۇلات لاياقەتسىز بولۇپ، مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتىنىڭ %24.6غا يەتكەنلىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى.

  ئىمپورت قىلىنغان ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچى مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ قانداقلىقى ئۈستىدە دۆلەت ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ناتايىن، بولۇپمۇ چەت ئەللەردە ئىشلەپچىقىرىلغان ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچنى جۇڭگو خېرىدارلىرىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە ئىشلەپچىقىرىشى ناتايىن، ئۇنىڭدا ئېلېكتىر بېسىمى جۇڭگوغا ماس كەلمەسلىك ئەھۋالى مەۋجۇت. شۇڭا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تاللىغاندا، ئىمپورت قىلىنغان ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچنى جۇڭگونىڭ ئۆلچىمى بويىچە چىقارغان تەكشۈرۈش دوكلاتىىڭ بار-يوقلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر