باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەتلەس بىلەن نۇرلانغان ھايات

2016.10.24 16:41   مەنبە: خەلق تورى

ئەتلەس بىلەن نۇرلانغان ھايات

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت، پىراكتىكانت ئاينۇر ئېزىز خەۋىرى)

  -- بۇ يىللىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى رىياسەتچىلەرنىڭ كىيىملىرى تولىمۇ يارىشىملىق تىكىلىپتۇ، بولۇپمۇ ئەتلەستە تىكىلگەن كۆڭلەكلەر ماڭا بەكمۇ ياقتى، تويۇمدا ئەتلەستىن زىننەتلەنگەن ئاپئاق توي كۆڭلىكى كىيمەكچى بولۇۋاتىمەن،− دېدى گۈلجامال ھېيت پەتىسىگە كەلگەن دوستلىرىغا.

  شۇ كۈنكى سورۇندا ئەتلەس بىلەن تۈرلۈك ئېسىل رەختلەر ئۇستىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ تىكىلىۋاتقان زامانىۋى مۇراسىم كىيىملىرى، توي-تۆكۈنلەردە كۆزنى قاماشتۇرۇۋاتقان رەڭدار ئەتلەس كىيىملەر قىزىق تېما بولدى.

  ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئەتلەس ئەجدادلار ئۇدۇمىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزگۈچى رەڭدار كۆۋرۈك سۈپىتىدە قەدىرلىشىمىزگە تېگىشلىك مەدەنىيەت مىراسى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، زامانىۋى مودا ئېقىم ئامىللىرى ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەرگە بەلگىلىك خىرىس ئېلىپ كەلدى. زامانىۋى پاسۇندا تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلەر كەڭ ئومۇملىشىپ، «ياندىكى كاسىپنىڭ قەدرى يوق» دېگەندەك، ئۆز قولىمىزدا ئەڭ ياخشى خام ماتېرىياللار بىلەن چىرايلىق توقۇلغان ئەتلەسلەر سودا بازىرىمىزدا «بويۇن قىسىش»تىن مۇستەسنا بولالمىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىشىلەر كىيىنىشتە گۈزەللىكنىلا ئەمەس، راھەت، ئۆزگىچە، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇش قاتارلىقلارنىمۇ ئويلىشىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ياخشى نەرسىلەر يەنىلا ئۆز قىممىتىنى تاپتى. ئۇزاق زامانلار مابەينىدە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ گۈزەللىكىگە ھۆسن قوشۇپ كېلىۋاتقان ئەتلەس−پەقەت ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس قالغان ئەسلىمە بولۇپلا قالماي، ئىلغار تېخنىكا ۋە يېڭىچە ئۇسلۇبلار بىلەن دەۋرگە ماسلىشىپ، مودا ئېقىمنىڭ بەلگىسى بولدى. ئەتلەس مەدەنىيەت تەۋەرۈكىمىز، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، ئۇنى زامانغا ماسلاشتۇرۇپ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشنى باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيەت، دەپ قارىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇنتۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان مەدەنىيەت يالدامىلىرىمىزنى قۇتقۇزۇش، قوغداش، داۋاملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا توختاۋسىز ئىزدەندى. ئەتلەسنىڭ يېڭى دەۋردە قايتىدىن جۇلالىنىپ، كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەرۋايىتقا ئايلىنىشىغا ئەجىر-مېھنەت سىڭدۈردى. نۇرىمان ئابلىز مانا مۇشۇلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئەتلەسلىرىمىزنىڭ قايتىدىن جۇلالىنىشى ئۈچۈن تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلدى.

  ھەممىمىزگە مەلۇم، تەكلىماكان گىرۋىكىگە جايلاشقان گۈزەل يۇرت خوتەن سۈپەتلىك قاشتېشى بىلەنلا ئەمەس، چىرايلىق ئەتلەسلىرى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان گىلەملىرى، قۇۋۋەتلىك ياڭاقلىرى بىلەن داڭلىق. مۇشۇ خىل قويۇق مەدەنىيەت پۇرىقىغا تويۇنۇپ چوڭ بولغان خوتەن قىزى نۇرىمان ئابلىز دادىسىنىڭ ئازراق مائاشىغىلا تايىنىدىغان ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئويلاپ، كىچىكلا مەكتەپتىن چېكىنىپ، تىككۈچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگەندى. ئۇ تولىمۇ ئەقىللىق، چېچەن قىز ئىدى، ئۇستازى ئۆگەتكەن بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە يېڭى-يېڭى ئىجادىي پاسونلارنىمۇ تەڭ ئۆگەندى. ئۇ 16 ياشقا كىرگەندە دۇكان ئايرىدى. دەسلەپتە كىچىك قىزنىڭ دۇكىنىغا كىشىلەر ئانچە ئىرەن قىلىپ كەتمىدى. نۇرىمان ئۆز ھۈنىرىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئۆزگىچە پاسۇندىكى كىچىك بىر كۆڭلەكنى تىكىپ، دۇكىنىنىڭ تۆرىگە ئېسىپ، خېرىدارلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا كىيىم تىككۈزىدىغان، بىر قېتىم كىيىم تىككۈزۈپ باققانلار دائىم ئۇنى ئىزدەيدىغان بولدى. ئۇ يېڭىلىققا ئىنتىلىش روھى بىلەن ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويماي، داڭلىق ماركىلىق تەييار كىيىملەرنى سۆكۈپ كۆرۈپ، تىكىلىشتىكى ئارتۇقچىلىقىنى ھۈنىرىگە قوشۇپ، ھۈنىرىنى پۇختىلىدى. ئۇنىڭ پۇختا، ئۆزگىچە پاسۇندا تىككەن كىيىملىرى خېرىدارلارنى جەلپ قىلىپ، كىشىلەر ئېسىل رەختلىرىدىن كىيىم-كېچەك تىككۈزۈش ئۈچۈن نە-نەلەردىن ئۇنى ئىزدەپ كېلىدىغان بولدى. ھۈنىرى تونۇلۇۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياپونىيەلىك بىر ساياھەتچى ئۇنىڭغا ئەتلەستىن بىر قۇر كىيىم تىككۈزۈپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى ئىش ھەققى بەردى. بۇ چاغدا ئۇنى خۇش قىلغىنى قولىدىكى بىر باغلام پۇلدىنمۇ بەكرەك چەت ئەللىكنىڭ ئوكيان ئاتلاپ كېلىپ، ئەتلەسنىڭ قەدرىنى قىلغىنى بولدى. يەنە بىر قېتىم ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن بىر رېژىسسور ئۇنىڭغا مەخسۇس ئەتلەستىن توي كۆڭلىكى تىككۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ھەمراھىغا كىيگۈزۈپ، خوتەندە ئەھمىيەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا ئىنتايىن تەسىر قىلدى.

  ئۇزاق ئۆتمەي، بىر پۇرسەتتە ئۇ دادىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلدى. تۇغۇلۇپ مۇشۇ كەمگىچە خوتەندىن چىقىپ باقمىغان نۇرىمانغا ئۈرۈمچىنىڭ پاكىز، زامانىۋى كوچىلىرى بەكلا ياقتى. ئۇ ئۈرۈمچىدىكى تۇغقىنىنىڭ تويغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تويىغا ئاتاپ چىرايلىق ئەتلەس كۆڭلەك تىكىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، ئۇ قىزنىڭ «ئەتلەسنى سەھرالىقلار كىيىدۇ» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولدى. يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن بۇ سۆزنى ئۇ زادىلا ئۇنتۇيالمىدى ھەم ھېلىقى ياپونىيەلىكنى ۋە ئەتلەسنى شۇنچە ياخشى كۆرگەن چەت دۆلەت ۋە يات مىللەت كىشىلىرىنى ئويلىدى. كۆڭلىدە «ئەجىبا ئەتلەس سەھرالىققىلا خاس بولسا، ئەتلەسنى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سەھرالىقمىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆز مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ قەدرىنى ئۆزىمىز قىلمايمىز؟» ئۇ بۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن نۇرغۇن قىز-جۇۋانلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى، ئەتلەس يىپەكتىن توقۇلغاچقا، تىكىشىدىن ئاسان بۆسۈلۈپ كېتىدىكەن، سۇدا يۇيغاندا رەڭگى ئۆڭۈپ سەتلىشىپ كېتىدىكەن، رەختنىڭ ئېنى تار بولغاچقا، گۈلى گۈلىگە، تاغىقى تاغىقىغا توغرا كەلتۈرۈلۈپ تىكىلمىسە، كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدىكەن، شۇڭا مۇشۇ ئاۋارىچىلىق سەۋەبلىك، كىشىلەر ئەتلەسنى تۈزۈك كىيمەس بولۇپ قاپتۇ. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئامال ئىزدەپ، ئەتلەسنى قايتىدىن بازار تاپقۇزۇشتەك ئۇلۇغۋار ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈكتى.

  نۇرىمان خوتەندە ئۇزاق يىل سەنئەت كىيىمى تىككەن داڭلىق ئۇستازنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئەتلەسنى گۈلىنى گۈلىگە كەلتۈرۈپ تىكىشنى، ھەر بىر تىكىشىگە سارۇشكا قويۇپ تىككەندە بۆسۈلۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىۋالدى. تېلېۋىزور ۋە تورلاردىكى كىيىم-كېچەك كۆزنەكلىرى نۇرىماننىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى، ئۇ كۆپ كۆرۈش، كۆپ ئاڭلاش، كۆپ سىناش ئارقىلىق رەڭلىرى چىرايلىق ئەتلەسلەردىن گۈل-گۈلىنى، رەڭ-رەڭلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ نەپىس كىيىملەرنى تىكىپ، ئەتلەس كىيىملەردە زامانىۋى پاسونلارنى نامايان قىلىپ، كىشىلەرگە گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلىيالايدىغان ئۆزگىچە كىيىملەرنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.

  نۇرىمان چېۋەر قولىدىن پۈتكەن چىرايلىق ئەتلەس كۆڭلەكلەرنى ئالدى بىلەن رىياسەتچى ۋە چولپانلارغا كىيگۈزدى. ئۇنىڭ مىللىي خاسلىق بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن يارىشىملىق كىيىملىرى رىياسەتچىلەر ۋە چولپانلارنىڭ ئۈستىدە «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» قويغاندەك ئۆزگىچە جۇلالاندى، ئۇ بۇ ئارقىلىق ئېكران ئالدىدىكى سانسىزلىغان كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆڭلىگە ئەتلەسنىڭ ئوتىنى يەنە بىر قېتىم تۇتاشتۇردى. «ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دېگەندەك كىيىم تىكىشنى ئەزەلدىن ۋەزىپە دەپ ئويلاپ باقمىغان، ھەر بىر كىيىم ئۈچۈن زېرىكمەي-تېرىكمەي ئىجادىيەت قىلىدىغان نۇرىمان مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە ئۆز دۇكىنىنى ئېچىۋالدى. ئۇ لايىھەلىگەن مودا پاسوندىكى ئەتلەس كۆڭلەكلەر زامانىۋىلىققا ئىنتىلگەن خانىم-قىزلىرلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى ۋە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ، بۈگۈنكى كۈندە «خىيال» ماركىسى بىلەن گۈزەللىكنى سۆيگۈچى خانىم-قىزلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى. ئۇ ھازىر شىنجاڭ «خىيال» خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇرۇپ «خىيال» ماركىسىنى كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى، بولۇپمۇ مۇراسىم ۋە سەھنە كىيىملىرى ساھەسىدىكى داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇپ، جەمئىيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇن شاگىرتلارنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشتى ھەم 30چە ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن نەچچە ئىستۇدېنت «خىيال» تىككۈچىلىك كارخانىسىغا كېلىپ ھۈنەر ئۆگىنىپ، چىقىش يولىنى تاپتى.

  ئەتلەس كىيىملەر ھازىر يېزىلاردىلا ئەمەس، دۆلەت-ئىچى سىرتىدىكى خەلقئارا سەھنىلەردە، توي-تۆكۈن مۇراسىملاردا گۈزەل نازىنىن، بەرنا يىگىتلەرنىڭ ئۇچىسىدا ئۇيغۇرنىڭ بەلگىسى بولۇپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلدى. بۇ ئارقىلىق ئەتلەسچىلىك زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، ھازىر سۇدا يۇسىمۇ رەڭگى ئۆڭمەيدىغان ئۆزگىچە ئەتلەسلەر ۋۇجۇدقا چىقتى، ئەتلەس بازارلىرى كۈندىن-كۈنگە جانلاندى.

  بالا شاگىرتلار نۇرىماننىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇيالمىغان ئۆكۈنۈشىنى ئۇلارغا ئېيتىپ، پىشقان ھۈنەرۋەن بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىلىم ئىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، ئوقۇغان ئادەم بىر يىلدا ئۆگەنگەن ھۈنەرنى ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ ئۈچ يىلدىمۇ ئۆگىنىپ بولالمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدى بىلەن بىلىم ئىگىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ مەكتەپكە يولغا سالدى.

  «يول توختىماي ئالغا باسقانلارغا، پۇرسەت ئۇنى چىڭ تۇتقانلارغا مەنسۇپ». گۈزەل ئارزۇ، ئۇلۇغۋار نىشان ئۈستىدە توختاۋسىز ئىلگىرىلەۋاتقان نۇرىمان ئەتلەس ۋە باشقا مەدەنىيەت ئامىللىرىنى خەلقئارا مودا ئېقىمغا سىڭدۈرۈش، ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈستىدە كۆپ ئىزدىنىپ، ئادەتتىكى بىر تىككۈچىدىن مەدەنىيەت تاراتقۇچى، ئەلا مۇلازىمىتىدىن مەدەنىيەتلىك ھۈنەرۋەن، كەسىپلەشكەن مۇنتىزىم بىر كارخانا غوجايىنى بولۇپ، ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن كىشىلەرگە يول ئىچىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتى…
    ·شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدە 3000 نەپەر كادىر تاللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىغا چۈشۈپ ئوقۇتۇشنى قوللاش…
    ·ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار …
    ·2017- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش خىزمىتى …
    ·ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئەنگلىيە يەنىلا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ دەسلەپكى تاللىشى بو…
    ·2017- يىلى، دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانى ئېلىنىپ، دۆلەت باج  سىستېمىسىغا قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى …
    ·ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەم…
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى…
    ·«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئەزەلدىن مەملىكەتلىك 100 كۈچلۈك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىقلارنى باھالاش ۋە …