باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى باسايلى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار خىزمەتچىلەرنى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ يىغىنىنى كۆرۈشكە تەشكىللىدى

2016.10.24 15:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ يىغىنى 21 – ئۆكتەبىر بېيجىڭ ‹‹خەلق سارىيى››دا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار 21 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا پارتىيەلىك كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى چوڭ يىغىننىڭ نەق مەيدان بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ۋە كۆرسىتىشىنى ئاڭلاشقا، كۆرۈشكە تەشكىللىدى، ئۇلار 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنىڭ ئاشۇ ئۇلۇغۋار، تىللاردا داستان قىلىشقا ئەرزىيدىغان شانلىق تارىخىنى ئەسلەپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنى بىرلىكتە ياد ئەتتى.

  نەق مەيداندىن بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ۋە كۆرسىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خاتىرىلەش چوڭ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، بىز ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ مۇستەھكەم غايە – ئېتىقادى ۋە جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، جەڭگىۋار ئىرادە، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى بىلەن يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

  مۇستەھكەم غايە – ئېتىقادتىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى تەرجىمە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ما شىنخەي مۇنداق دېدى: قەلبتە ئېتىقاد، پۇتتا ماغدۇر بولۇشى كېرەك؛ ئادەمدە روھ بولمىسا تىك تۇرالمايدۇ، دۆلەتتە روھ بولمىسا قۇدرەت تاپالمايدۇ. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ، قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، ئۆز خىزمەت ئورنىمدا مۇلازىمەت خىزمىتىنى تىرىشىپ ئىشلەپ، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولىمەن.

  ياش پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قانداق قىلغاندا تارىخنى ئەسلەش ئارقىلىق ھازىرقىغا ئىلھامبەخش ئەتكىلى بولىدۇ، غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىشنى قانداق قىلغاندا تۇرمۇش ئەقىدىمىزگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ دۆلەت ئېلېكتىر تورى قاراقاش ناھىيەسى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى خاۋ مۇنداق دېدى: بىز ئۇزۇن سەپەر روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئۆز خىزمىتىمىزدە خەلققە مۇلازىمەت قىلىش روھىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۇزۇن سەپەر روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.

  جىمىسار ناھىيەسى لاۋتەي يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى فەن ۋېيچياڭ مۇنداق دېدى: خاتىرىلەش چوڭ يىغىنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈپ، قەلبىم يەنە بىر قېتىم ھاياجانغا تولدى. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، نەزەرىيە ساپايىمىز ۋە كەسپىي سەۋىيەيىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇلۇغۋار غايە، كۈرەش نىشانىغا قارىتا ئېنىق تونۇش ۋە ئىنتىلىشنى ساقلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېھرىگۈل مەمەت مۇنداق دېدى: بۈگۈن قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ يىغىنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۇزۇن سەپەر روھىغا نىسبەتەن مەندە يېڭى تونۇش پەيدا بولدى. ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى باسىمەن.

  ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى پىلال يېزىسى سۇلۇق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ما جيەنبو 21 – ئۆكتەبىر ئۆزىنىڭ ھازىرقى خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىز چىن دوستلۇقىمىز بىلەن ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، يېزىغا، ئاساسىي قاتلامغا، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر بىر كىشىگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتىنىڭ كادىرى ئۇممىگۈلسۈم زەينىدىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. ئاز سانلىق مىللەت ئايال كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيەگە سادىق بولۇپ، خىزمەتتە مەسئۇلىيىتىمنى بەجانىدىل ئادا قىلىپ، ئاممىغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى غەم – ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىمەن.

  مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى بويىچە نەمۇنىچى ئىلغار شەخس، تېكەس ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ چارۋىچىلىق فېرمىسى داۋالاش نۇقتىسىنىڭ دوختۇرى جۇماتاي ئاۋبەكىر مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت ئورنۇمدا ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى خەلققە مۇلازىمەت قىلىش سېپىگە قوشۇلۇشقا رىغبەتلەندۈرىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 1 – سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ بىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، چوقۇم ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىمنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشتە ئادىل، پاك – دىيانەتلىك بولۇپ، ھەر بىر دېلودا ئاممىغا ئادىل، ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرىمەن.

  ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەمەلىي ھەرىكەتتە كۆرسىتىش كېرەك

  قورغاس ناھىيەلىك پېشقەدەم كادىرلار پائالىيەت مەركىزىنىڭ دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شۆ جىشيا مۇنداق دېدى: يېڭى جۇڭگونىڭ بۈگۈنگە ئۇلىنىشى ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ھاياتى ۋە قېنى بەدىلىگە كەلگەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹بەش پېشقەدەم››لەر لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىش پائالىيىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىنقىلاب ئەنئەنىسى تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇپ، ئۇزۇن سەپەر روھىغا ۋارىسلىق قىلىمەن.

  ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۈنفېڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، غايە – ئېتىقادىمىزنى چىڭىتىپ، ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلققە كۆپرەك ياخشى، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمىز؛ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق قىزىل ھېكايە، شىنجاڭ ھېكايىسى، جۇڭگو ھېكايىسىنى ھەر مىللەت كادىر، ئامما ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدە ياخشى سۆزلەيمىز.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ناسىپجان مامۇت مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم يېڭى دەۋر، يېڭى ۋەزىيەتتە ئۇزۇن سەپەر روھىنى دەۋرنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بىرلىكتە قوغداشقا يېتەكلەپ، گۈزەل شىنجاڭ، گۈزەل قىزىلسۇ قۇرۇشىمىز كېرەك.

  ماناس ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي شەھەر مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزاسى ليۇ كېلى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ھەر ۋاقىت ئۇزۇن سەپەر روھىنى يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ››، ‹‹خۇائېر سانجى›› قۇرۇشقا بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشۇشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر