باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

دۆلەتنىڭ «13- بەش يىل» يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك

2016.10.24 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دۆلەتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «دۆلەتنىڭ 13- بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ پۈتۈن تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىروگرامما» دېيىلىدۇ) «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13- بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»گە ئاساسەن تۈزۈلدى، 12- مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4- يىغىنىدا تەستىقلاندى. «پىروگرامما»نىڭ يېتەكچىلىك ۋە چەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يىرىك پىلان خەرىتىسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، «پىروگرامما»نى يولغا مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-، 4-، 5- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ماسلىشىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچلۈك ئاساس سېلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ رەھبەرلىك قىلىش يادرولۇق رولىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپىسى)نىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ھۆكۈمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، «پىروگرامما»نى يولغا قويۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق تەڭ ئەقىل كۆرسىتىپ، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جۇشقۇن ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر