خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- ئۆكتەبىر، خېبىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرلىرى يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىغا كىرگۈزۈلمىلىك داۋالاش ئېلىپ بارماقتا.
شۇ كۈنى، خېبىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى (قىسقارتىلىپ «بايىنغولىن ئوبلاستى»دەپ ئېلىندى)دىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 2-تۈركۈمدىكى 14 بالىغا قارىتا ھەقسىز ئوپېراتسىيە ياكى كىرگۈزۈلمىلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا، خېبىي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىسى بايىنغولىن ئوبلاستىغا ئالتە نەپەر مۇتەخەسسىس ئەۋەتىپ، تۇغما يۈرەك كېسەللىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوپېراتسىيە قىلغىلى ياكى كىرگۈزۈلمىلىك داۋالاش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان تۇغما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان نامرات ئائىلە پەرزەنتلىرىدىن 30 دىن كۆپرەكىنى تەكشۈرۈپ تاللاپ چىققان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى