باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غۇلجىدىن قەشقەرگە بىۋاسىتە بارىدىغان پويىز بولماسلىق تارىخى 20- ئۆكتەبىر ئاخىرلاشتى

2016.10.24 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20- ئۆكتەبىر سائەت 9دا، غۇلجا - قەشقەر ئارىسىدا قاتنايدىغان تۇنجى T9516/7 قېتىملىق 446 يولۇچى چۈشكەن يولۇچىلار پويىزى غۇلجا ۋوگزالىدىن ئاستا - ئاستا قوزغالدى، بۇنىڭ بىلەن ئىلىدىن قەشقەرگە بىۋاسىتە بارىدىغان پويىز بولماسلىق تارىخى ئاخىرلاشتى

  ئۈستىگە «تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى بىر ئائىلە كىشىلىرى، ھەر مىللەت خەلقى قەلبداش» دېگەن خەت بېسىلغان توق قىزىل پىلاكات يېڭى ۋاگون ئىچىدە ئادەتتىن تاشقىرى كۆزگە چېلىقاتتى. پويىز شىمالىي شىنجاڭ چېگراسى ئىچىدىكى شىمالىي تەڭرىتاغ تونېلى، داۋانچىڭ ئەتراپىدىكى تەڭرىتاغ تونېلى توپى، تۇرپان رايونىدىكى ئوتتۇرا تەڭرىتاغ تونېلىنى كېسىپ ئۆتۈپ، 21-ئۆكتەبىر سائەت 8:59 دا قەشقەرگە يېتىپ باردى. بۇ، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تارىخىدا بىر يولۇچىلار پويىزىنىڭ تۇنجى قېتىم 24 سائەت ئىچىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم تەڭرىتاغدىن ھالقىپ ئۆتۈشى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر