باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۇرىيەنىڭ ھەلەپ شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

2016.10.24 09:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك تۈنۈگۈن بېريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىز سۇرىيەنىڭ ھەلەپ شەھىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىىلۋاتىمىز، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئۈلۈشكۈن بىريۇسسېلغا جەم بولۇپ، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ئىككى كۈنلۈك يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا ياۋروپا-رۇسىيە مۇناسىۋىتى، سۇرىيە مەسىلىسى، مۇساپىرلار كىرىزىسى ۋە خەلقئارا سودا قاتارلىق قارالمىلار مۇھىم نۇقتا بولدى. ياۋروپا كېڭىشى يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان ھۆججەتتە سۇرىيە كىرىزىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ دۈشمەنلىشىشنى دەرھال توختىتىشىنى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىشەنچلىك سىياسىي مۇساپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر