باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى:

سەۋەبسىز ھالدا ئالاقىدار سۆھبەتنى قوبۇل قىلمىسا، جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

2016.10.25 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىچكى قاراشلىق ئورۇنلاردا ۋە چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى نازارەت قىلىشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىچكى قاراشلىق ئورۇنلار ۋە چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا- كونسۇلخانىسىنىڭ رەھبىرى كادىرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش خىزمەت چارىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مۇشۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  «چارە»دە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىچكى قاراشلىق ئورۇنلىرى ۋە چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسىدىكى رەھبىرىي كادىرلىرى بىلەن ۋەزىپە ئۆتەش ھەققىدە سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانا باشلىقى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ھەيئەت ئەزاسىنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ خىزمەتتىن مەلۇمات بېرىش، پاكلىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش سۆھبىتى، ئەسكەرتىش سۆھبىتى ۋە ئاگاھلاندۇرۇش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش ھەم ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش، سۆھبەت ئوبيېكتى، مەزمۇنى ۋە شەكلى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقاردى. ئالاقىدار سۆھبەتنى سەۋەبسىز قوبۇل قىلمىغان ياكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئەينەن دوكلات قىلمىغان پارتىيە ئەزالىرى، رەھبىرىي كادىرلار، مىنىستىرلىقتا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەھۋالغا قاراپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ ياكى ئىنتىزام جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى «چارە» قاتارلىق بىر قاتار تۈزۈم ۋە بەلگىلىمە ئارقىلىق، نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى ئەمەلىي نازارەت قىلىپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر