باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىغا ئاشكارا پىكىر ئېلىندى

توردا تاماق سېتىۋېلىش سۇپىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ

2016.10.24 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى(تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش نۇسخىسى)» يېقىندا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالىدىكەن.

  توردا تاماق زاكاز قىلىش كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قارىتا، قاراپ چىقىش لايىھەسىدە تور يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلگەن. مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: توردا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار يېمەكلىك بىخەتەرلىك جىنايىتى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلسە ياكى ئەيىبلەنسە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جىنايىتى سەۋەبىدىن خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنسا، يېمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش سەۋەبلىك ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلسا ياكى باشقا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلسە، يېمەكلىك-دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرىسا، تور يېمەكلىك سودىسى 3-تەرەپ سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر توردا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ تور سودىسى بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى توختىتىشى كېرەك.

  قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشمۇ قاراپ چىقىشقا سۇنۇش نۇسخىسىنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىسى. قاراپ چىقىشقا نۇسخىسىدا دېلو يىپ ئۇچى ۋە دەلىل ئىسپاتلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكىمۇ قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېمەكلىك-دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، سۈپەت نازارەتچىلىكى قاتارلىق ئورۇنلىرى يېمەكلىك پىششىقلاش، سېتىش، توشۇش، ساقلاش جەريانىدا، يېمەكلىكنىڭ زەھەرلىك، زىيانلىق غەيرىي يېمەكلىك خام ئەشياسى ئىكەنلىكى، ياكى زەھەرلىك، زىيانلىق غەيرىي يېمەكلىك خام ئەشياسىنى ئىشلىتىپ يېمەكلىك پىششىقلىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايقىسا، ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئالاقىدار يىپ ئۇچى ۋە ئىسپاتلارنى ج خ ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. ج خ ئورگانلىرى جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى دەرھال دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر