- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەسىدە دولان مەدەنىيىتى مىللىي ئۆرپ - ئادەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
نەچچە يۈز ئادەم دولان مۇقامى ئېيتىپ، «دولان ئۇسۇلى شاھى» باھالاپ چىقىلدى
2016.10.24 16:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- ئۆكتەبىر، شىنجاڭ ئاۋات ناھىيەسى دولان مەدەنىيەت مىللىي ئۆرپ - ئادەت بايرىمى دۆلەتنىڭ A4 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى دولان قەبىلىسى مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. دولان قەبىلىسى پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىدىن 100ى بىرلىكتە قەدىمىي دولان مەشرىپىنى ئېيتتى، شۇ جايدىكى 200 دىن ئارتۇق ئامما دولان ئۇسسۇلى ئوينىدى. نەق مەيداندا تاماشىبىنلارنىڭ بېلەت تاشلىشى ۋە يەتتە باھالىغۇچىنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، بۇ ناھىيەدىكى دېھقان ئېلياس گايىت بىلەن ئەھەت كەنجى يېڭى بىر نۆۋەتلىك «دولان ئۇسسۇلى شاھى» بولۇپ باھالاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر