تۈركىيە ئىسلام دۆلىتى تېررورچىلىرىنىڭ سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلدى
2016.10.24 09:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيە ساقچىلىرى 19- ئۆكتەبىر پايتەخت ئەنقەرەدە ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەزاسى دەپ گۇمان قىلىنغان بىر ئادەمنى ئېتىپ تاشلىدى. ئەنقەرە شەھىرىنىڭ باشلىقى ئەرجان توپجا: بۇ گۇماندار تۈركىيە دۆلەت ئاتىسىنىڭ قەبرىستانلىقىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلماقچى بولغان دېدى.
ئەنقەرە شەھەر باشلىقى ئىشخانىسىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: گۇماندارىنىڭ ئىسمى ئەخمەد بالىك بولۇپ، 24 ياش، تۈركىيەلىك، ئۇ تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئادانادا تۇغۇلغان. ساقچىلار ئۇنى ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئەزاسى دەپ بېكىتتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر