- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چاۋشيەن: تېخىمۇ كۆپ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىمىز
2016.10.24 09:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چاۋشيەن دۆلەتلىك ئالەم تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى تۈنۈگۈن: چاۋشيەن كورېيەنىڭ ھاقارەتلىشىگە قارىماي، دۆلەتلىك ئالەم تەتقىقاتىنىڭ بەش يىللىق پىلانىغا ئاساسەن تېخىمۇ كۆپ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىدۇ دېدى.
چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ باياناتچى شۇ كۈنى سۆزىدە مۇنداق دېگەن: بۇندىن بۇرۇنقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 71-نۆۋەتلىك كېڭىشى 4-كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، چاۋشيەن ۋەكىلى چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھنى توغرا يول ئۈچۈن قويۇپ بەرگەنلىك ۋە بۇنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئىكەنلىكىدەك ئىزچىل مەيدانىنى شەرھلىگەندە، كورېيە ۋەكىلى: خەلقئارا جەمئىيەت ئالەم بوشلۇقىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىشقا تىرىشماقتا، لېكىن چاۋشيەننىڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشى تىنچلىققا كۈچ چىقارغانلىق ئەمەس دېگەن ئىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر