باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى گىۋىنىيە بىسسائونىڭ سىياسىي سۆزلىشىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى قارشى ئالدى

2016.10.24 09:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 20-ئۆكتەبىر تاراتقۇدا بايانات ئېلان قىلىپ، گىۋىنىيە بىسسائودىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يېقىندا سىغدۇرۇشچان سىياسىي سۆزلىشىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى قارشى ئالدى، بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي كىرىزىسىنى بالدۇرراق ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: 10-سېنتەبىر ھەر قايسى تەرەپلەر گىۋىنىيە بىسسائونىڭ سىياسىي كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە غەربىي ئافرىقا ئەللىرى ئىقتىساد ئورتاق گەۋدىسىنىڭ پىلانىنى ھاسىل قىلدى، يۇقىرىقى سىياسىي سۆزلىشىش بۇ پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ بىر قىسمى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى گىۋىنىيە بىسسائودىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سىياسىي سۆزلىشىشتە پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، زۇڭلىنى ۋەزىپە تەيىبلەش مۇساپىسى، سىغدۇرۇشچان ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش قاتارلىقلار جەھەتتە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىلاننى بالدۇرراق پۈتۈن كۈچى بىلەن ئومۇميۈزۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ گىۋىنىيە بىسسائو مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى مودىپو تېررې بىلەن ھەمكارلىشىپ، گىۋىنىيە بىسسائونىڭ سىياسىي كىرىزىسىگە بالدۇرراق خاتىمە بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر