باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بىڭتۈەن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››پائالىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرىدۇ

2016.10.24 15:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 18 – ئۆكتەبىر پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا بىڭتۈەننىڭ ‹‹<مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  بىڭتۈەن پارتكومى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىق ساقلىغۇچ ھەم چوڭ پېچ بولۇشتەك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەپ، ئورنىمىزنى توغرا تېپىپ، بىڭتۈەننىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىدا داۋاملىق يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  ئالتە پائالىيەت ۋاسىتىسىنى ياخشى تاللاپ ۋە ياخشى ئىشلىتىپ، قوشماقلىشىش، جۈملىدىن ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن قوشماقلىشىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا تۇغقاندەك ئۆتۈپ، پارتىيەلىك كادىرلار قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كۆپ زىيارەت قىلىپ، ئىشنى يېنىمىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان ئائىلىلەر بىلەن ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق قۇرۇشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا تىل ئۆگىنىپ، ئۆزئارا تەجرىبە ئۆگىنىپ، بىر – بىرىنىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ، ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئىگىلەپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرۇش كېرەك. كۆپ پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، شەكلى خىلمۇ خىل، مەزمۇنى مول، تەربىيە – كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈلگەن ھەمتۈرتكە بولۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت، ئۆگىنىش جەريانىدا دوستلۇقى ۋە ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ياردەم بېرىش، يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قوشماق بولغان ئائىلىلەردىكى ئەمەلىي مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىش كېرەك. رىغبەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى ۋاقتىدا تەقدىرلەپ مۇكاپاتلاش كېرەك.

  ئومۇميۈزلۈك قاپلاش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بىڭتۈەن دەرىجىلىك مەمۇرىي ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشى، ھەرقايسى شى، تۈەنلەردىكى مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئۆز جايىنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشى كېرەك.

  تۈزۈملەشتۈرۈش، دائىمىيلاشتۇرۇش ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنىڭ قەلبىدە پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر