باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى

سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى تۇتقۇن قىلغان جۇڭگولۇق كېمە خادىملىرى بىخەتەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

2016.10.24 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى تۇتقۇن قىلغان «NAHAM3» بەلگىلىك بېلىقچىلىق كېمىسىدىكى جۇڭگولۇق خادىملارنىڭ بىخەتەر قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  سوئال: ئىگىلىنىشچە، سومالى قاراقچىلىرى تۇتقۇن قىلغان «NAHAM3» بەلگىلىك بېلىقچىلىق كېمىسىدىكى جۇڭگولۇق خادىملار بىخەتەر قۇتقۇزۇۋېلىنغان. تەپسىلىي ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز.

  جاۋاب: ئومان تەۋەلىكىدىكى «NAHAM3» بەلگىلىك تەيۋەن بېلىقچىلىق كېمىسى 2012- يىلى 3- ئايدا سومالى قاراقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، كېمىدە 29 كېمە خادىمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە چوڭ قۇرۇقلۇق ئاھالىسىدىن ئونى، تەيۋەن ئاھالىسىدىن ئىككىسى، يەنە فىلىپپىن، ھىندونېزىيە، ۋىيېتنام، كامبودژا پۇقراسىدىن 17 كېمە خادىمى باركەن. بۇ ئارىلىقتا بىر چوڭ قۇرۇقلۇق ئاھالىسى بىلەن بىر تەيۋەن ئاھالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كېمە خادىمى بەختكە قارشى قازا قىلغان. كۆپ تەرەپنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن، ئامان قالغان 26 كېمە خادىمى 2016- يىلى 22-ئۆكتەبىر بىخەتەر قۇتقۇزۇۋېلىندى ۋە ب د ت ئالاقىدار ئاپپاراتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن 23- ئۆكتەبىر كېنىيەگە ئېلىپ كېلىندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى قۇتقۇزۇۋېلىنغان جۇڭگولۇق خادىملارنى ئېلىپ كېلىشكە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى. ئورۇنلاشتۇرۇش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، پىسخىكىلىق يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇۋېلىنغان جۇڭگولۇق قېرىنداشلار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ۋەتەنگە قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولىدۇ.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ئاپپارات ۋە خادىملارغا سەمىمىي تەشەككۈر بىلدۈرىدۇ ۋە قۇتقۇزۇۋېلىنغان خادىملارغا سەمىمىي بەخت تىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن بەختسىزلىككە ئۇچراپ قازا قىلغان ئۈچ كېمە خادىمىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايدۇ، قاراقچىلارنىڭ ھاياتلىقنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك قەبىھ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر