باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ ئورگانلىرى 61 دۆلەت ۋە رايوندىن 409 نەپەر چېگرا سىرتىدا قېچىپ يۈرگەن قاچقۇننى قولغا چۈشۈردى

2016.10.25 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر مەيدان داغدۇغىلىق، سالمىقى مىسلىسىز بولغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلماقتا.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى مابەينىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام ماللارنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. ج خ ئورگانلىرى مەركەز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرغان «تايغان ھەرىكىتى»گە پائال ئاتلىنىپ، چىرىكلىشىپ چەت ئەلگە قاچقان ئۇنسۇرلارنى كۆزدە تۇتۇپ، قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش «تايغان ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى «تايغان ھەرىكىتى»نىڭ نەتىجىسى، كۆلىمى، سالمىقى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بولۇپ، چېگرا سىرتىدىكى قوغلاپ تۇتۇش خىزمەت سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆسۈپ، چېگرا سىرتىغا قاچقانلارنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلغان.

  بۇ يىل 5-ئاينىڭ 4- كۈنى، ج خ مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا 2016 ـ يىللىق چېگرا سىرتىغا قاچقانلارنى تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرۇۋېلىش «تايغان ھەرىكىتى» ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ يەنە بىر قېتىم باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى 61 دۆلەت ۋە رايوندىن 409 نەپەر چېگرا سىرتىدا قېچىپ يۈرگەن قاچقۇنلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 272سى تۇتۇلدى، 137سى نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇپ كېلىندى؛ «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن 100 قاچقۇن»دىن 15ى تۇتۇلدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، تەپتىش ئورگانلىرىغا ياردەملىشىپ تۇتۇلغان ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك چېگرا سىرتىدىكى قاچقۇن جىنايەتچىدىن 38ى، تاموژنا ئەتكەسچىلىك جىنايىتىگە چېتىشلىق چېگرا سىرتىدىكى قاچقۇندىن 14ى بولۇپ، دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولغانلاردىن 127ى تۇتۇلدى، سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقانلاردىن 28ى تۇتۇلدى؛ قېچىپ كەتكىلى بەش يىلدىن ئارتۇق بولغانلاردىن 33ى، بۇنىڭ ئىچىدە 10 يىلدىن يۇقىرى بولغانلاردىن 12سى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر