باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى شوتلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش سۆز ھوقۇقى بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى

2016.10.25 16:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە باش ۋەزىرى مەھكىمىسى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: باش ۋەزىر تېررىسسا ماي شوتلاندىيە، ۋېلىش ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە يەرلىك ھۆكۈمىتى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئارىسىدا بىۋاسىتە ئالاقە ئورنىتىدىغان ئاپپارات تەسىس قىلىپ، ئۇلارغا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بېرىش تەكلىپىنى بەردى. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئالاقە ئاپپاراتى ئۈچ رايوننىڭ ۋەكىلى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ئىشلىرى ۋەزىرى داۋىس بىلەن بىرگە ئەنگلىيەنىڭ كېلەر يىلىنىڭ باشلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش سۆھبىتىنى رەسمىي باشلاشتىن بۇرۇن، ئۈچ رايون بىلەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ، مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ تەدبىر بۇ ئۇچ رايوننىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ئىستراتېگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەملىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر