باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2017- يىللىق مەمۇرلار ئىمتىھانىغا 1 مىليون 300مىڭدىن ئارتۇق كىشى تىزىملاتقان بولۇپ، 27مىڭ ئىش ئورنىدا رىقابەتلىشىدۇ

2016.10.25 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- ئۆكتەبىر سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە، 1 مىليون 300مىڭدىن ئارتۇق كىشى 2017- يىللىق دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانىغا تىزىملاش سىستېمىسى بويىچە تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، ئەڭ بازارلىق خىزمەت ئورنى رىقابىتى 9837:1.18گە يېتىپ، تىزىملىتىش كۆزنىكى يېپىلدى. بۇ قېتىمقى مەمۇر قوبۇل قىلىشقا 120 دىن ئارتۇق مەركەز ئورگىنى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلىرى، «مەمۇرلار قانۇنى» بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلار قاتناشقان، 27مىڭدىن ئارتۇق كىشى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەل ئازايغان.

  بۇ قېتىمقى دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانىغا جەمئىي 120دىن ئارتۇق تارماق 27 مىڭ 61 كىشى قوبۇل قىلىش پىلانىنى يوللىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ 1- دەرىجىلىك تارمىقى 1537 بولۇپ، %5.7نى ئىگىلەيدۇ؛ ئۆلكە دەرىجىلىك تارماق 912 بولۇپ، %3.4 نى ئىگىلەيدۇ؛ ۋىلايەت (شەھەر) دەرىجىلىك تارماق 3344 بولۇپ، %12.3 نى ئىگىلەيدۇ؛ ناھىيە (رايون) دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تارماق 21مىڭ 268 بولۇپ، %78.6نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى 3000دىن ئارتۇق پىلان ئاساسلىقى قوبۇل قىلىش مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان ئىستۇدېنت كەنت كادىرلىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش تۈرلىرىدىكى خادىملارغا قارىتىلىدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر