باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2016.10.25 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  مەسئۇلىيەت مەزمۇنى

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئەرزىيەت خىزمىتىنى قارالما كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، خىزمەت دوكلاتىنى ۋاقتىدا ئاڭلاپ، ئەرزىيەت ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، خىزمەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى جەھەتتىن ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ئەرزىيەت مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىددىيەت ۋە ماجىرالارنىڭ مەنبەسىدىن ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئازايتىشى كېرەك.

  پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۆز رايونى، تارمىقى، سىستېمىسىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى باش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، باشقا ئەزالار خىزمەت تەقسىماتى بويىچە، خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاممىدىن كەلگەن خەت ۋە توردىكى ئەرزىيەتلەرنى ئوقۇپ تەستىقلاپ، ھال ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى قەرەللىك كۈتۈۋېلىپ، مۇرەككەپ، قىيىن ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت تارماقلىرى ئۆز تارمىقىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئەرزىيەت ئىشلىرىنى ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىدە بەلگىلەنگەن قائىدە، تەرتىپ بويىچە ۋاقتىدا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان تارماقلار ئۆز سىستېمىسىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، تۆۋەن دەرىجىلىك تارماق ۋە ئورۇنلارنى ئەرزىيەت مەسىلىسىنى قانۇن بويىچە، ۋاقتىدا، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە بىر تەرەپ قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىدىكى ئەرزىيەت مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، زىددىيەت-ماجىرالارنى پەسەيتىپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئەرزىيەت خەۋپىنى كونترول قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كونكرېت مەسىلىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار مەسئۇل تارماق ۋە ئورۇنلارنى قانۇن بويىچە، ۋاقتىدا، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە بىر تەرەپ قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى ۋە ئەرزىيەتچى ئاممىغا بولغان يېتەكلەش تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك ئەرزىيەت تارماقلىرى پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئۆز رايونىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە ماسلىشىپ، يېتەكلەپ ۋە نازارەت قىلىپ، ئەرزىيەت ئىشلىرىنى قانۇن بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە دەۋا بىلەن ئەرزىيەتنى ئايرىش تۈزۈمى بويىچە قوبۇل قىلىپ، بېجىرىشكە تاپشۇرۇپ، ئۆتكۈزۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مۇھىم ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئەرزىيەت ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ، خىزمەتنى ياخشىلاش، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە جازالاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى خادىملىرى ئەرزىيەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ئاممىۋى ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ئادىل ئىش قىلىپ، پاك بولۇپ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ، قىزغىن، ئەتراپلىق بولۇشى كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر