باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشتە «ئومۇميۈزلۈك قاپلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2016.10.25 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل شىنجاڭدا مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇش سالمىقى كۈچەيتىلىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشى ئۈچۈن «يېشىل يول» ئېچىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، «ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرى»نىڭ توغرا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل مەبلەغ تەقسىمات لايىھەسىدە ئىلگىرىكى نىسبەت بويىچە «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىپ، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرى، ئاساسىي سانى چوڭ بولغان رايون ۋە مەكتەپلەرگە قارىتا، ياردەم بېرىش نىسبىتى جەھەتتە مۇۋاپىق مايىل قىلىنىپ، «خامچوت تەقسىماتى»نىڭ توغرا بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى نىسبىتى ماۋاپىق ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت-ئوبلاستقا مايىل قىلىنىپ، «تەڭ تەقسىماتچىلىق»تىن ساقلىنىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭدا يەنە «پەرقلىق» ياردەم بېرىش تۈزۈمىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، «ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن» ھېلىقىدەك ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشتە «ئومۇميۈزلۈك قاپلاش» يولغا قويۇلۇپ، ئالاھىدە ياردەم بېرىلدى.

  مائارىپ كاپالىتى سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭدا يەنە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 470 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىلدى. نۆۋەتتە، تارقىتىلغان ھەر دەرىجىلىك ھەر تۈرلۈك ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 840 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

  بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭدا يەنە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى ۋە ماتېرىيال پۇلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز بولۇپ، تولۇقلىما سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. ھازىرغا قەدەر تۆلەنگەن پۇللارنىڭ ئىچىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش ياردەم پۇلى 246 مىليون يۈەنگە يەتتى، 163 مىڭ 600 ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر