باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016- يىللىق «تايغان ھەرىكىتى»دە 634 قاچقۇن قولغا ئېلىندى

2016.10.25 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 24- ئۆكتەبىر سۇجۇدا ئۆتكۈزگەن 2016- يىللىق «تايغان ھەرىكىتى» نى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 5-ئايدىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى ج خ ئورگانلىرى 2016- يىللىق «تايغان ھەرىكىتى» نى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، 20-ئۆكتەبىرگىچە، 67 دۆلەت ۋە رايوندىن چېگرا سىرتىدىكى 634 قاچقۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا ئېلىنغان.

  ج خ ئورگانلىرى قولغا ئالغان 634 قاچقۇن ئىچىدە، «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن 100 قاچقۇن»نىڭ 16سى قولغا ئېلىشقا ماسلىشىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ 50 كەسپىي جىنايەتچى قاچقۇننى قولغا ئېلىشىغا ياردەملەشتى، چەتئەلدە قېچىپ يۈرگەن 31 تاموژنا ئەتكەسچىسى قولغا ئېلىندى؛ دېلوغا چېتىلىش سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان جىنايەتچى 205، بۇنىڭ ئىچىدە 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان جىنايەتچى 59؛ 48 جىنايەتچى بەش يىلدىن ئارتۇق قېچىپ يۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 17 جىنايەتچى 10يىلدىن ئارتۇق قېچىپ يۈرگەن.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر