باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە كالاي مۇساپىرلار «ئورمانلىقى»دىكى مۇساپىرلارنى نېمە ئۈچۈن مەجبۇرىي كۆچۈرىدۇ؟

2016.10.25 14:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ جاي ۋاقتى 24-ئۆكتەبىر ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن ئاشقاندا، فىرانسىيە شىمالىي قىسىمدىكى كالاي بوغۇزى ئۆلكىسىگە جايلاشقان فىرانسىيە بويىچە ئەڭ چوڭ مۇساپىرلار رايونى - كالاي مۇساپىرلار ئورمانلىقىنى تازىلاشقا باشلىدى. فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، بۇ مەجبۇرىي تازىلاش ھەرىكىتى بىر ھەپتە داۋاملىشىدىكەن، تەخمىنەن ئالتە مىڭدىن سەككىز مىڭغىچە مۇساپىر فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىدە كالايدىن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇساپىرلارنى كۈتۈۋېلىش مەركەزلىرىگە بېرىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلايدىكەن. كالايدىكى مۇساپىرلار ئورمانلىقى قانداق شەكىللەنگەن؟ فىرانسىيە ھۆكۈمىتى نېمىشقا ئۇلارنى كۆچۈرىدۇ؟ بۇ ھەرىكەت شۇ جايدىكى مۇساپىرلارنىڭ تۇرمۇشى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، ئىنگلىز بوغۇزىغا يېقىن فىرانسىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كالاي ئەنگلىيەگە بېرىپ پاناھلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغان نۇرغۇن كۆچمەنلەرنىڭ ئۆتۈش يولىغا ئايلانغان. 2013-يىلى يازدىن باشلاپ، سۇرىيە، ئافغانىستان ۋە ئافرىقىدىكى قىسمەن دۆلەتلەر بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى سەۋەبىدىن نۇرغۇن مۇساپىرلار ياۋروپاغا بېرىپ چىقىش يولى ئىزدىگەن، كالايدىكى مۇساپىرلار شىددەت بىلەن كۆپەيگەن. ئۆي-ماكانسىز مۇساپىرلار كالاي پورتىغا يېقىن بىر ئورمانلىقتا نۇرغۇن ۋاقىتلىق تۇرالغۇلارنى ياسىغان، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىمۇ شۇ جايغا ئۆزگەرتىلگەن يۈك ساندۇقلىرىنى قويۇپ مۇساپىرلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەن. قىسقىغىنا بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، بۇ مۇساپىرلار ئورمانلىقى ئاددىي بىر چىدىرلىقتىن ئاشخانا ۋە ماگىزىنلار بار «شەھەرچە»گە ئۆزگەرگەن. مۇساپىرلار توپلاشقان بۇ جاينى فىرانسىيە تاراتقۇلىرى ئوبرازلىق قىلىپ مۇساپىرلار «ئورمانلىقى» دەپ ئاتىغان، ئەمما فىرانسىيە ھۆكۈمىتى لالاندى مۇساپىرلار لاگېرى دەپ ئاتىغان. كالاي بوغۇزى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ يىل 11-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر كالاي مۇساپىرلار ئورمانلىقىدا ياشاۋاتقان مۇساپىر تەخمىنەن 6500گە يەتكەن، ئەمما بەزى ھۆكۈمەتتىن خالى تەشكىلاتلار ئەمەلىيەتتە مۇساپىرلار سەككىز مىڭدىن ئاشىدۇ، دېگەن.

  مۇساپىرلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى بىر قەدەر ئېغىر ئامانلىق ۋە خەۋپسىزلىك خەۋپى پەيدا قىلدى. فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل كۆپ قېتىم خەۋەر ئېلان قىلىپ، فىرانسىيەدە بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلىققا چېتىشلىق نۇرغۇن جىنايەت شايكىلىرىنىڭ كالايدىن كەلگەنلىكى بايقالدى، دېدى. كالايدىكى مۇساپىرلار ئورمانلىقىدا، قانۇنسىز قورال ئېلىپ سېتىش، پاھىشىۋازلىق قاتارلىق جىنايى قىلمىشلار كۈنسېرى ئەۋج ئالدى، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇساپىرلار ئارىسىدىمۇ پات-پات زوراۋانلىق توقۇنۇشى يۈز بېرىپ تۇردى. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى بۇنى كۆزدە تۇتۇپ 26-سېنتەبىر كالايغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرگەندە كالايدىكى مۇساپىرلار ئورمانلىقىنى تەلتۆكۈس ۋە تولۇق تازىلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈشى مۇساپىرلارنى قوپاللىق بىلەن ھەيدىۋېتىش بولماستىن، بەلكى ئاۋۋال مۇساپىرلارنى باشقا جايلارغا تەرتىپلىك كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاندىن بۇ ئورمانلىقتىكى ئىمارەتلەرنى چېقىش. تازىلاش ھەرىكىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى نۇرغۇن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قىلىپ، مۇساپىرلارغا چۈشەندۈرۈپ قايىل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا جايلاردا مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىپ، مۇساپىرلارنى كۆچۈرۈش تەرتىپىنى تەپسىلىيلەشتۈردى. بۇندىن باشقا، فىرانسىيە يەنە بىر قىسىم مۇساپىرلارنىڭ يەنىلا ئەنگلىيەگە بېرىپ پاناھلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەمدە ئىگە چاقىسىز نەچچە يۈز بالا مۇساپىرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەنگلىيە بىلەن پائال سۆھبەتلەشتى.

  24-ئۆكتەبىر مەجبۇرىي كۆچۈرۈش باشلانغان كۈنى، فىرانسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كازناف: كالاي مۇساپىرلار لاگېرىنى تازىلاش ھەرىكىتى مۇقىم بولدى، دېدى. ئۇنىڭ ئالدىدا فىرانسىيە جامائەتچىلىكى مۇساپىرلار لاگېرىنى تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ كەسكىن توقۇنۇش پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئىدى. ئەمما مۇساپىرلار كالايدىن كۆچۈرۈلۈپ، فىرانسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن شۇ جاينىڭ جەمئىيىتىگە سىڭىشىپ كېتەلەمدۇ-يوق؟ بۇ بىر ئاچقۇچلۇق مەسىلە. بىر جەھەتتىن نۇرغۇن مۇساپىرلار تىل ئۇقمايدۇ، خىزمەت ماھارىتى يوق، ئۇلارنىڭ فىرانسىيە جەمئىيىتىگە سىڭىشىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، ئەگەر بۇ مۇساپىرلار نورمال يوللار بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەلمىسە، فىرانسىيەدىكى يېڭى ئامانلىق خەۋپىگە ئايلىنىشى مۇمكىن؛ يەنە بىر جەھەتتىن، فىرانسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى توختاپ قالغان، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بېسىمى زورىيىۋاتقان ئەھۋالدا، فىرانسىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇساپىرلاردىن ئېھتىيات قىلىشى ناھايىتى ئېنىقلا ئىش. يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە، پارىژ قاتارلىق جايلاردا مۇساپىرلارنى كۈتۈۋېلىش مەركەزلىرىگە قەستەن ئوت قويۇۋېتىش ۋەقەلىرى بىرقانچە قېتىم ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى. خەلقئارا قاتلامدىن قارىغاندا، فىرانسىيەنىڭ كالاي مۇساپىرلار ئورمانلىقىنى تازىلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئەمما ياۋروپانىڭ كەسكىن مۇساپىرلار دولقۇنى سىنىقىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، بۇ ھەرىكەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشى ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئىلھام ۋە ئۆرنەك بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر