باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن 10 مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى

شەھەر-بازارلاردا تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.04 بولدى، يىللىق تەڭشەش نىشانى %4.5دىن تۆۋەن بولدى

2016.10.26 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشتەك ھالەتنى ساقلىغان. بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 10مىليون 670مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن يىلدا 10 مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتەك نىشان-ۋەزىپە مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملانغان. ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان 1 مىليون 250 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، پۈتۈن يىلدا 1 مىليون 200 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتەك نىشان-ۋەزىپە تاماملانغان. 3- پەسىلنىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.04كە يېتىپ، يىللىق تەڭشەش نىشانى %4.5تىن تۆۋەن بولغان. 9-ئايدا 31 چوڭ شەھەر، بازارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %5تىن تۆۋەنلەپ، 2013-يىلى 6-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن. 3-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە 100 شەھەرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنىڭ ئادەم كۈچى تەلەپ قىلىش نىسبىتى 1.1 ھەسسىگە يېتىپ، تەمىنلىگەن ئىش ئورنى ئېھتىياجلىق كىشىدىن كۆپ بولغان. ئىشقا ئورۇنلىشىش سانىنىڭ ئېشىشى بىلەن بىرگە، ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاش سەۋىيەسىمۇ مۇقىم ئاشقان. 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە لياۋنىڭ، جياڭسۇ قاتارلىق توققۇز جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تەڭشىلىپ، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %10.7 بولغان. مەملىكەت بويىچە ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئايلىق مائاشى 2190 يۈەن بولغان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر