باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2030-يىلى «ساغلام جۇڭگو» قانداق بولىدۇ؟

___ كەلگۈسى جۇڭگونىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى ھەققىدە چۈشەنچە

2016.10.26 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «<ساغلام جۇڭگو-2030> يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى تارقاتتى. ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ خەرىتە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىغا ئاساسەن، 2030- يىلى جۇڭگونىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ بۇ ئۆزگىرىشلەر ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە تەھلىل قىلدى.

  [ئۆمۈر ئۇزىراپ، ئۆلۈش ئازلايدۇ] 2020-يىلىغا بارغاندا كىشىلەرنىڭ كۆزلىمە ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى 77.3 ياشقا، 2030-يىلىغا بارغاندا 79 ياشقا يەتكۈزۈلىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى، بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ھازىرقى ‰8.1، ‰10.7 ۋە 20.1/100000دىن 2030-يىلىغا بارغاندا ‰ 5.0، ‰6.0 ۋە 12/100000غا يەتكۈزۈلىدۇ. 2030-يىلى، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىق ساپا سەۋىيەسى %30كە ئۆستۈرۈلۈپ، دائىم تەنتەربىيە چېنىقىشقا قاتنىشىدىغانلار 214-يىلىدىكى 360 مىليون كىشىدىن 530 مىليونغا كۆپەيتىلىدۇ.

  [تەدبىر] ساغلاملىق بىلىمى ۋە ماھارەت يادرولۇق ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان ساغلاملىق ساپاسى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ساغلاملىق تەربىيەسىنى خەلق مائارىپ سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ساغلاملىق تەربىيەسىنى بارلىق مائارىپ باسقۇچىدىكى ساپا مائارىپىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. خەلق ئوزۇقلۇق پىلانى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، يېمەكلىك ئوزۇقلۇق ئىقتىدارىنى باھالاش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئوزۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 2030-يىلىغا بارغاندا، 15 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتىنى %20كە چۈشۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ پىسخىكا مەسىلىسىنى بالدۇر بايقاش ۋە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

  2030- يىلىغا بارغاندا، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك جامائەت تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى تورىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە تەنتەربىيە مەيدانى كۆلىمىنى 2.3 كىۋادرات مېتىرغا يەتكۈزۈپ، شەھەر، بازار مەھەللىلىرىنى 15 مىنۇتلۇق بەدەن چېنىقتۇرۇش چەمبىرىكى بىلەن قاپلاش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر سائەت تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، 2030-يىلىغىچە، مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانى ئەسلىھەلىرى بىلەن ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر