باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

100 مىليون پېنسىيونېرنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى تەڭشەلدى

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى

2016.10.26 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 25- ئۆكتەبىر ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 3- پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە، 2016- يىللىق پېنسىيونېرلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشكەن، مەملىكەت بويىچە 100 مىليوندىن ئارتۇق كارخانا ۋە ئورگان كەسپىي ئىش ئورۇنلىرى پېنسىيونېرلىرىنىڭ كۈتۈنۈش تەمىناتى ئۆستۈرۈلگەن، قىسمەن جايلار يەنە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرگەن. بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم كارخانىلار بىلەن ئورگان كەسپىي ئىش ئورۇنلىرى خادىملىرىنىڭ كۈتۈنۈش تەمىناتىنى ماس تەڭشىشى، شۇنداقلا كارخانا پېنسىيونېرلىرى كۈتۈنۈش تەمىناتىنىڭ «ئۇدا 12 قېتىم تەڭشىلىشى»كەن.

  يېقىندا بەزى تاراتقۇلار ئېلان قىلغان ئېلىمىزدىكى ئالتە جاينىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ چىقىم قىلىش سوممىسى يېرىم يىلغا يەتمىگەن، كىرىم چىقىمغا يەتمەسلىكتەك خەۋپ ساقلانغان دېگەن خەۋەرگە قارىتا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى جۇڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش تەمىناتى كاپالىتىدە مەسىلە يوق.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بىر تۇتاش پىلانلاش فوندىنىڭ قالدۇق ئۆلچىمى ئادەتتە ئالتە ئايدىن توققۇز ئايغىچە چىقىم قىلىش سەۋىيەسىدە كونترول قىلىنىدىكەن. لى جۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر پەقەت تيەنجىن شەھىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ قالدۇق ئۆلچىمىلا ئالتە ئايدىن توققۇز ئايغىچە بولغان ئۆلچەم ئىچىدە ئەمەس، باشقا جايلارنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىق چىقىم قىلىش دائىرىسى ئىچىدە. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى كىرىمى 926 مىليارد 600 مىليون يۈەن، چىقىم 734 مىليارد 100 مىليون بولدى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى بىلەن چىقىمغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، فوندىنىڭ ئايلىنىشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر