باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى « ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇش چارىسى» نى تەپسىلىي چۈشەندۈردى

جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ھەم شۇ ئىشقا، ھەم ئادەمگە قارىتىلىدۇ

جاۋابكارلىق سۈرۈشتە قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىۋېرسال ئىلغار بولۇپ باھالىنىش ھوقۇقى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئۆزگەرتىلمىسە، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ

2016.10.26 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسى 25- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا تارقاتقان «ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ « چارە» دېيىلىدۇ) توغرىسىدا ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ ئېنشى « چارە» توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  سوئال: « چارە » نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى؟

  جاۋاب: ھازىر، ئەرزىيەت مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىشتا، ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ چىڭىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، نۇرغۇن ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەت كېچىكتۈرۈلۈپ ھەل قىلىنماسلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى: ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەنلىكى ياكى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىدە. بەزى جايلار ۋە تارماقلارنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشى بوش، ئاجىز بۇلغان، يۇمشاق قوللۇق قىلغان. بۇنىڭ ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەركەز «چارە» نى تۈزۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 2016-يىللىق پارتىيە قائىدە-نىزامىنى بېكىتىش پىلانىغا كىرگۈزدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەش ئاساسىدا، «چارە» ئارگىنالىنى تۈزۈپ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، مەركەزنىڭ ماقۇللىشى بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى نامىدا رەسمىي تارقاتتى.

  سوئال: «چارە» گە ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكى رەھبىرى كادىرلار ئەرزىيەت خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؟

  جاۋاب: بىرىنچى، «چارە» دە، ئەرزىيەت خىزمىتىدىكى ھەرقايسى مەسئۇل سۇبيېكتلارنىڭ مەسئۇلىيەت مەزمۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىدىكى چۈشىنىش بىردەك بولماسلىق، چەك- چېگرانى بېكىتىش ۋە ئىگىلەش قىيىن بولغان مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.

  ئىككىنچى، ئەرزىيەت خىزمىتىدىكى تەكشۈرۈش سۇبيېكتى، مەزمۇنى، قېتىم سانى ۋە تەرتىپى كونكرېت بەلگىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئورگانلىرىنىڭ ھەر يىلى ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئەرزىيەت خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى بويىچە ئاز دېگەندە بىر قېتىم مەخسۇس تەكشۈرۈشى ھەم تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئۈچىنچى، «چارە» دە، يەنە ئەرزىيەت خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئورگانلىرىنىڭ شۇ رايون، شۇ تارماق ۋە شۇ سىستېمىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىنى باھالىشى،باھالاش نەتىجىسىنى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى ئۇنىۋېرسال باھالاشتىكى مۇھىم پايدىلانما قىلىشى بەلگىلەندى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلىي، كادىرلار تارماقلىرىنىڭ كادىرلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە، ئەرزىيەت تارماقلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىشى بەلگىلەندى.

  تۆتىنچى، ئەرزىيەت خىزمىتىدىكى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى» دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاگاھلاندۇرۇش، كەچۈرۈم قىلىش شەكلى ئارقىلىق ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۇرۇشلۇق رايون، تارماق ۋە ئورۇننىڭ شۇ يىللىق ئۇنىۋېرسال ئىلغار بولۇپ باھالىنىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىشى بەلگىلەندى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر