خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، 2016- يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» جوڭگو - تۈركىيە كىيىم - كېچەك مەھسۇلاتلىرى تەرەققىياتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.
تونۇشتۇرۇش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو مۇھاجىر سودىگەرلەر مەبلەغ سالغان كارخانىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، يىپەك يولى. شىنتيەندى شىركىتىنىڭ مۇدىرى سابىت بۇغدا سۆز قىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چاڭ يەن تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىككى تەرەپتىكى 55 چوڭ كىيىم ـ كېچەك ئىشلەش ئىمپورت - ئېكسپورت كارخانىسى توختام سوممىسى 50 مىليون يۈەنگە يېتىدىغان ئون تۈرلۈك ئىمپورت - ئېكسپورت كىيىم - كېچەك سودا توختىمى ئىمزالىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى