باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شاڭخەي پاي ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلىپ باشقۇرۇش سودا مەركىزى غۇلجا پاي ھوقۇقى مۇلازىمەت زالى ۋىۋىسكىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى

شىمالىي شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولىنى كېڭەيتىشىگە ياردەمچى كۈچ قوشۇلدى

2016.10.26 15:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شاڭخەي پاي ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلىپ باشقۇرۇش سودا مەركىزى غۇلجا پاي ھوقۇقى مۇلازىمەت زالى ۋىۋىسكىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ تىجارەت باشلاندى، ئالدى سۇپىدا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش، ئارقا سۇپىدا پاينى بازارغا سېلىپ ۋىۋىسكا ئېسىشتەك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئەندىزىسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ، ئىلى ئوبلاستى، ھەتتا شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولىنى كېڭەيتىش، كەسىپلەرنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

  شاڭخەي پاي ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلىپ باشقۇرۇش سودا مەركىزى غۇلجا پاي ھوقۇقى مۇلازىمەت زالىنى غۇلجا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى، شاڭخەي پاي ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلىپ باشقۇرۇش سودا مەركىزى ۋە شىنجاڭ «يىنېڭ» سېلىنمىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ ئورتاق پىلانلاپ قۇرغان بولۇپ، غۇلجا چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى رايونىغا تەسىس قىلىنغان. غۇلجا پاي ھوقۇقى مۇلازىمەت زالىنىڭ ئاساسلىق كەسىپلىرى ۋىۋىسكا ئاسقان شىركەتلەرنى مەبلەغنى نىشانلىق كۆپەيتىش، قايتا تەشكىللەپ سېتىۋېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، پاينى ئۆتۈنۈپ بېرىش، قىممىتىنى تېپىش، تىجارەت تەشۋىقاتى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ۋىۋىسكا ئاسقان شىركەتلەرنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش قاتارلىق بازار ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، ۋىۋىسكا ئاسقان شىركەتلەرنىڭ ئاساسلىق بازار، ئوتتۇرا، كىچىك بازار، 2 - بازارغا ئۆتۈپ، پېيىنى بازارغا سېلىشتا تەربىيەلەش، يېتەكلەش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر شاڭخەي پاي ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلىپ باشقۇرۇش سودا مەركىزى قانۇن، بوغالتىرلىق، مەسلىھەت بېرىش، پىلانلاش قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرىدىكى تۆت ئاپپاراتنى مۇلازىمەت زالىغا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، كەلگۈسى ئىككى يىلدا، ئۆز جايىدا يېتىشتۈرۈلگەن كارخانىلارنى قوشقاندا، مۇلازىمەت زالىغا ئورۇنلاشقان مۇلازىمەت ئاپپاراتى 15 تىن ئاشىدىكەن.

  مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى گاۋ تيەنشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شاڭخەي پاي ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلىپ باشقۇرۇش سودا مەركىزى غۇلجا پاي ھوقۇقى مۇلازىمەت زالى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەۋقەنى شۇ جايدىكى بازارغا مۇلازىمەت قىلىشقا، شاڭخەي پاي ھوقۇقىنى ھاۋالە قىلىپ باشقۇرۇش سودا مەركىزىنىڭ ئەۋزەل بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا قويۇپ، كارخانىلار ئۈچۈن سۇپا قۇرۇپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، شۇ جاينىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ، بۇ، ئىلى ئوبلاستى، ھەتتا شىنجاڭنىڭ ئاۋام ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش قىزغىنلىقىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر