باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئېلان قىلىنىدۇ

2016.10.26 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى جۇڭ تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى مەبلىغىنى باشقۇرۇش جەھەتتە كېيىنكى قەدەمدە يىل ئىچىدە بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئۆلكىلەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كېڭىشى بىلەن توختام ئىمزالاشقا ھاۋالە قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كېڭىشى باشلامچىلىق بىلەن باھالاش كومىتېتىنى بىرىنچى تۈركۈمدىكى ياشانغانلار كۈتۈنۈش فوندى باشقۇرۇش ئاپپاراتى سايلاپ چىقىپ، مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى رەسمىي باشلاشقا تەشكىللەيدۇ.

  لى جۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان «ئاساسى كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندى مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرگە بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، ئالاقىدار لايىھە تۈزدى، ھازىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك پۇختا ئېلىپ بارماقتا.

  لى جۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مالىيە مىنىستىرلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشى بىلەن بىرگە ھاۋالە مەبلەغ توختامىنى تۈزدى، ھازىر بېسىپ تارقىتىپ بولۇندى، بىز بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا پۇقرالارنىڭ بۇ بېقىنىش پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر