باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تورغا تىزىملاتقانلار 2مىليون 115مىڭغا يەتتى

2016.10.26 16:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىللىق مەركەز ئورگانلىرى ۋە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار مەمۇرلىرى ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ئاياغلاشتى، دەسلەپكى مەلۇماتقا قارىغاندا، جەمئىي 2مىليون 115مىڭ كىشى تىزىملاتقان، 1مىليون 360مىڭىنىڭ سالاھىيىتى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، توردا تىزىملىتىش 15-ئۆكتەبىردىن 24-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىپ،رەسمىي ئاياغلاشقان، توردا تىزىملاتقانلار 2مىليون 115مىڭغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن ئازراق كۆپەيگەن.نۆۋەتتە 1مىليون 360مىڭ كىشىنىڭ سالاھىيىتى تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى. سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى يەنە بىرقانچە كۈن داۋاملىشىدۇ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى پۈتۈنلەي ئاياغلاشقاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئىمتىھانغا تىزىملىتىشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئۇقتۇرىدۇ، ئىمتىھان پىلانى بويىچە بۇ يىل مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئارقىلىق جەمئىي 120 نەچچە مەركەز ئورگىنى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار شۇنداقلا مەمۇرلۇق باشقۇرۇشى بويىچە ماڭىدىغان ئىدارىلەر 27مىڭدىن ئارتۇق خادىم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى، بۇ سان 2016-يىلدىكى بىلەن تەڭ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر