باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى دۆلەتنىڭ 5–دەرىجىلىك ئۆلچىمىدىكىى بېنزىننى ئىشلەپچىقاردى

2016.10.26 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتنىڭ 5 – دەرىجىلىك ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان 14 مىڭ توننا بېنزىن يېقىندا مايتاغدىن ئۈرۈمچىدىكى ۋاڭجياگۇ تەييار ماي ئىسكىلاتىغا يەتكۈزۈلدى. بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرگەنلىكى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ پاكىز، سۈپەتلىك ماي ئىشلىتەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  2017 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك دۆلەتنىڭ 5 – دەرىجىلىك ئۆلچىمىدىكى بېنزىن ئىشلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى قايتا – قايتا سىناق قىلىش ئارقىلىق بېكىتىلگەن ۋاقىتتىن بىرنەچچە ئاي بۇرۇن دۆلەتنىڭ 5 – دەرىجىلىك ئۆلچىمىدىكى بېنزىننى بازارغا سالدى.

  ئۇقۇشىمچە، دۆلەتنىڭ 5 – دەرىجىلىك ئۆلچىمىدىكى بېنزىن 4 – دەرىجىلىك ئۆلچىمىدىكى بېنزىنغا قارىغاندا تېخىمۇ پاكىز ھەم سۈپەتلىك بولۇپ، كۆيگەندە چىقىدىغان گۈڭگۈرت مىقدارى %80 ئازىيىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بېنزىن تەركىبىدىكى مانگان، ئولېفېن قاتارلىق ئېلېمېنت، بىرىكمىلەرنىڭ مىقدارىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئاپتوموبىللار بۇنداق بېنزىننى ئىشلەتكەندە چىقىدىغان بۇلغىما ئالاھىدە تۆۋەن بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر