باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق كۆمۈر، توك، گاز تەمىناتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز

2016.10.26 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق ئېنېرگىيە تەمىناتى ئاساسەن تولۇق بولىدۇ، كۆمۈر، توك، گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىدە بازارنىڭ ئىقتىسادىي قانۇنىيىتىگە، خەلق تۇرمۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق تەبىئىي گاز، كۆمۈر، توك قاتارلىقلارنىڭ تەمىناتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا كۆمۈر، توك، گاز تىرانسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى مىنىستىرلىقلار ئارا ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىنى ئېچىپ، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش لايىھەسىنى تەتقىق قىلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئېنېرگىيە تەمىناتى ئومۇمەن تولۇق، ھەر قايسى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنىڭ تەمىنات ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، زاپىسى ۋە يۇقىرى نۇقتىنى تەڭشەش ئىقتىدارى مەلۇم دەرىجىدە كۈچەيدى، بىراق قۇرۇلمىلىق، رايون خاراكتېرلىك، پەسىللىك تەمىنات-ئېھتىياج زىددىيىتى يەنىلا مەۋجۇت، ئايرىم رايونلاردا بەزى ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە تەمىنات-ئېھتىياج يوچۇقى بار.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: نۆۋەتتە كۆمۈر، توك، گاز تەمىناتى ۋە ئېھتىياجى ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىدە تەمىنلىگۈچى ۋە ئېھتىياجلىق بولغۇچى چوڭ خېرىدارلارنى ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولغان توختام مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا يېتەكلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دىققەت قىلىپ، بىخەتەر، سىلىق يۈرۈشتۈرۈشنى تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر