باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىزىل ئارمىيە ئۆتكەن جايلار ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلماقتا

2016.10.26 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرلار ئەينى يىللىرى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىزلىرى قالغان سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا ئوبلاستىنى زىيارەت قىلغاندا، يولبويى ئەينى يىللىرى قىزىل ئارمىيەنىڭ ھالقىپ ئۆتكەن قارلىق تاغ، بېسىپ ئۆتكەن يايلاقتىكى جاپالىق سەپىرى، باتۇرانە يۈرۈشلىرىنى ھېس قىلدى شۇنداقلا ئۇزۇن سەپەردە بېسىپ ئۆتكەن جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىشتىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلىرىنى كۆردى.

  موشۈي ناھىيەسى شاشىدو يېزىسى ياڭچى كەنتى-كۆچۈرۈلۈپ يېڭىدىن قۇرۇلغان زاڭزۇلار كەنتى ئىدى، بۇ كەنت ئۆلكە تاشيولى 302-لىنىيەسى يېقىن بولۇپ، تاغ-دەريالارغا تۇتىشىپ تۇرىدۇ، تاشتىن قوپۇرۇلغان زاڭزۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە 40 نەچچە يۈرۈش ئۆينىڭ كۆرۈنۈشى ئۆزگىچە بولۇپ، كىشى قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇراتتى.

  كەنت ئاھالىسى دېلاسو مۇنداق دېدى: بۇرۇن كەنتىمىزنىڭ قاتنىشى ناھايىتى قولايسىز ئىدى، ھازىر تۇرمۇشىمىز بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ، توك ئوچاق، توك قازان ئىشلىتىمىز، كەنتىمىزدە يەنە WIFI مۇ بار.

  72 ياشلىق ئاسىدا بوۋاي كونا، يېڭى جەمئىيەتنى تەڭلا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن شۇنداقلا ياڭچى كەنتىنىڭ دەۋر ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: كونا جەمئىيەتتە ئۆيىمىزدە يەيدىغان نەرسىمىز يوق ئىدى، ھەممە يەردە سەرسان بولۇپ يۈرەتتۇق. يېڭى جەمئىيەتتە، دۆلەت ھەر يىلى بىزنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالدى. ھازىر تېخىمۇ ياخشى بولدى، پۇقرالار پۇل تاپتى، بۇرۇن يەتتە، سەككىز يىل يەر تېرىپ تاپقان پۇلنى ھازىر بىر يىلدىلا تاپالايدۇ.

  يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى تەن لېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كونا ياڭچى كەنتى تاغ قاپتىلىدا بولۇپ، تاغ جىنسلىرى مۇقىم ئەمەس ئىدى، ئاپەت ئۈزۈلمەيتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت زاڭزۇلار رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، 2012-يىلى ياڭچى كەنتى ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈلۈپ، پۈتۈن كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى مىسلىسىز ياخشىلاندى. يېزىمىز يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ يېزا ساياھىتىنى يولغا قويدى، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 40، 50 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئاشتى.

  خوڭيۈەن ناھىيەسى ۋاچى يېزىسىدىكى زاڭزۇلار كەنتىنىڭ ئاھالىسى جاشى زاڭزۇ سەھرا ئارامگاھى قۇرۇپ تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. خوڭيۈەن ناھىيەسىنىڭ قىزىل ئارمىيە بېسىپ ئۆتكەن يايلاق سەۋەبىدىن داڭقى چىقتى، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى قىزىل ساياھەت بايلىقىنى ئېچىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، زاڭزۇ سەھراھ ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھى نۇرغۇن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر