باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-بەش يىلنىڭ باشلىنىشىدا شىزاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ياخشى ۋەزىيىتى ئېچىلدى

2016.10.26 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-بەش يىل شىزاڭ بىلەن پۈتۈن مەملىكەت بىرگە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى، 13-بەش يىلنىڭ باشلىنىش يىلىدا مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، شىزاڭغا ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەز كارخانىلىرى تۇشمۇ تۇشتىن شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئومۇمي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى بىر باسقۇچتىكى شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  نۆۋەتتە ئېچىلغان پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 2016-يىللىق ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئىقتىسادى ھەرىكەت ئەھۋالىنى ئۇقتۇرۇش يىغىنىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا، نۆۋەتتە شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدىن 37 قېتىم ئېچىلىپ، 1144 تۈر ئەمەلىيلىشىپ، 25مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە پىلاندىن سىرت مەبلەغ 5 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، رامكا كېلىشىمدىن 186سى ئىمزالانغان.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىزاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە ئاساسى قاتلامغا شۇنداقلا خەلق تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش، شىزاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %80دىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشى، ئاساسى قاتلام ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئىككىگە ياردەم بېرىش، ئىككىدە %80 دىن يۇقىرى بولۇش نىشانى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر