باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتمەكتە

2016.10.26 16:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاق ئۆتۈش پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش خىزمىتى گۇرۇپپىسى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسىنى تەپسىلىيلەشتۈردى.

  يېڭىسار ناھىيەسى ساغان يېزىسى توغرا ئېرىق كەنتىدە ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بارلىق مىللەتلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاق ئۆتۈش پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، تەتقىق قىلدى، ھازىر خىزمەت گۇرۇپپىسى دەل ياردەم بېرىش، ھەقىقىي يۆلەش ئۈچۈن كەنتتىكى 95 نامرات ئائىلىنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ۋە نامراتلىشىپ كېتىش سەۋەبى، ياردەم بېرىش تەلىپىگە ئاساسەن ئوقۇشقا كىرىش قىيىن بولۇش، داۋالىنىش قىيىن بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇش، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى قاتارلىقلارنى تۈرلەرگە ئايرىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە ئوبيېكتى بولۇش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەر بىر ئائىلە بىردىن ئىستۇدېنت تەربىيەلەش، ھەر بىر ئائىلىدىن مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان بىر كىشى بولۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئىمكانىيەت تۇغدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  بىرقانچە كۈندىن بېرى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار سەمىمىي مۇھەببىتى ۋە چىن كۆڭلىدىن كەنتتىكىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئوبيېكت بولۇپ، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇپ، ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەممە مىللەت بىر ئائىلىدە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈش ھەرىكىتىگە ئۈلگە بولدى، كۆپ خىل شەكىلدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەرىكىتى ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە ئىناق كەيپىيات بەرپا قىلىپ، ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر