باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 126 ئاتا-ئانىلار ۋەكىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەردە تەكشۈرۈشتە بولىدۇ

2016.10.26 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- ئۆكتەبىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى ئىچكىرى ئۆلىكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ۋە كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئاتا - ئانىلار ۋەكىللىرىنى ئىچكىرى ئۆلىكىلەردىكى مەكتەپلەرگە تەكشۈرۈشكە بېرىشقا ئۇزىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىراق يېزا - قىشلاق ۋە ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن 93 نەپەر شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئاتا - ئانىلار ۋەكىلى ۋە 33 نەپەر كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئاتا - ئانىلار ۋەكىلى 10- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە 15 گورۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى 93 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە 33 كەسپىي مەكتەپكە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولىدۇ.

  ئۇزىتىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىرى سۈن چى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل ئارقىلىق تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئاتا - ئانىلار ۋەكىللىرىگە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرىدا يولغا قويۇلغان مەركەزنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇردى. ئۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ يۈز تۇرانە لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىق، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، مىننەتدارلىق ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە قىلىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشنى؛ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كەڭ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا مىننەتدارلىق ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈلگىسى بولۇش توغرىسىدا تەربىيە قىلىشنى، ئاتا - ئانىلار تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈشتىن ھېس قىلغانلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئاممىغا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىدىن پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزگەنلىكىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلىپ، ئىلھام بېرىپ ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى كەسپىي تېخنىكوم سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى 2006 - يىلىدىن باشلاپ يەتتە تۈركۈمدە ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرىدىن جەمئىي 428نى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەرگە ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشكە ھەمدە يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ سەييارە لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەشنى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر