باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئاماننىساخان ھەققىدە قىسسە» ناملىق مۇزىكىلىق دىراما ئىشلىنىپ بولدى

2016.10.26 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بىلەن شاڭخەي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەكەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى بىرلىكتە بىر يىل سەرپ قىلغان مۇزىكىلىق دىراما «ئاماننىساخان ھەققىدە قىسسە» ئاخىرى ئىشلىنىپ بولدى. 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا يەكەن ناھىيەلىك مۇقام تىياتىرخانىسىدا تۇنجى قېتىم ئورۇنلانغاندىن كېيىن، بۇ دىراما يېقىندا جۇڭگو شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت بايرىمىدىكى ياشلار سەنئەت ئىجادىيەت ھەپتىلىكى»دە قويۇلىدۇ.

  يەكەن ناھىيەسى-شاڭخەي شىنجاڭدىكى نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان تۆت ناھىيەنىڭ بىرى شۇنداقلا دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان 12 مۇقامنىڭ بۆشۈكى. «ئاماننىساخان ھەققىدە قىسسە»دە، خانىش ئاماننىساخاننىڭ ئۆمۈرلۈك يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، 12 مۇقامدىن ئىبارەت ئىنسانىيەتنىڭ بۇ سەنئەت غۇنچىسىنى پەرۋىش قىلىش ھېكايىسى سۆزلەنگەن. بۇ ئەسەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى بىلەن شاڭخەي مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيەتچىلىرى بىر يىل بۇرۇن يەكەنگە بېرىپ ئەستايىدىل ئۆگەنگەن. بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆگىنىش-12 مۇقام مۇزىكا ئەنئەنىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش، ئاماننىساخان ھەققىدىكى ھېكايە-رىۋايەتلەرنى توپلاش، رەتلەش، يەرلىكنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەك ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى پىششىق ئىگىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. رېژىسسور شيې دى مۇنداق دېدى: مۇزىكا تەڭكەش قىلىنغان ھەر بىر بۆلەك، ھەتتا ئارتىسلارنىڭ كىيىملىرىنىڭ ھەر بىر نەقىشلىرىغىچە، بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئەمەلىي پاكىتلارغا ئاساسلاندۇق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر