باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ياشلار–ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەر ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە بىخەتەرلىك ۋە ئۆزىنى قوغداش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2016.10.26 15:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش ئىشخانىسى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى، مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ‹‹ئەتىمىز ئۈچۈن ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەر ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە بىخەتەرلىك ۋە ئۆزىنى قوغداش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى›› ۋە كىتاب ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە 40قا يېقىن مېھرى – شەپقەت يەتكۈزۈش ئورنىنىڭ ۋەكىلى، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بولۇپ 200 نەچچە كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چى خۇ سۆز قىلىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە ئۇنىڭغا پائال تۆھپە قوشۇشىنى، ياش – ئۆسمۈر دوستلارنىڭ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۆزىنى قوغداش بىلىملىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى ۋە ھەق – ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئېزىقتۇرۇش ۋە ناچار قىلمىشلارغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ، دۆلەت، خەلق، جەمئىيەتكە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئۇقۇشۇمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل 4 – ئايدىن باشلاپ ھەر مىللەت ياش – ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى ئوقۇشلۇقى›› ۋە ‹‹ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ بىخەتەرلىك، ئۆزىنى قوغداش بىلىملىرى ئوقۇشلۇقى›› ئىئانە شەكلىدە تارقىتىلىپ، زەھەر چەكلەش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۆزىنى قوغداش تەربىيەسى كەڭ تەشۋىق قىلىنغان، ھازىرغىچە، 116 مېھرى – شەپقەت يەتكۈزۈش ئورنى جاي – جايلاردىكى ياشلار – ئۆسمۈرلەرگە 17 مىڭ پارچىگە يېقىن كىتاب ئىئانە قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر