خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- ئۆكتەبىر، سوۋېت- 27 بەلگىلىك ماھارەت كۆرسىتىش ئايروپىلانى كۆكخوتتىكى بەيتا خەلقئارا ئايرودرومىغا قوندى.
شۇ كۈنى، روسىيەنىڭ «پالۋان» ئالاھىدە ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتىنىڭ سوۋېت- 27 بەلگىلىك بەش ماھارەت ئايروپىلانى ۋە ئىل- 76 بەلگىلىك بىر كاپالەت ئايروپىلانى ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوتتىكى بەيتا خەلقئارا ئايرودرومىغا قوندى. بۇ ئايروپىلانلار كۆكخوتتا توختاپ تەمىنات تولۇقلاپ بولغاندىن كېيىن، گۇاڭدوڭنىڭ جۇخەي شەھىرىگە قاراپ ئۇچۇپ، 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 6- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 11- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە-ئالەم قاتنىشى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى