سۈرەتتە: جياڭنەننىڭ ئەنئەنىۋىي قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىنى سىڭدۈرگەن ۋۇجېندىكى دۇنيا ئېنتىرنېت تورى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى (10- ئاينىڭ 26- كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈچىنچى نۆۋەتلىك دۇنيا ئېنتىرنېت تورى يىغىنى 11- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ توڭشياڭ شەھىرى ۋۇجېن بازىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، دۇنيا ئېنتىرنېت تورى يىغىنىنىڭ مەڭگۈلۈك يىغىن ئورنى بولغان «ۋۇجېن ئېنتىرنېت تورى خەلقئارا يىغىن كۆرگەزمە مەركىزى»نىڭ قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ بولغان بولۇپ، چىراغ ۋە تور قاتارلىق قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى سىناپ تەڭشەشمۇ تاماملىنىپ، دۇنيا ئېنتىرنېت تورى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن.
يېڭى قۇرۇلغان «ۋۇجېن ئېنتىرنېت تورى خەلقئارا يىغىن كۆرگەزمە مەركىزى»نى «پۇلىتزكىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى، جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ پېڭ باشلامچىلىق قىلىپ لايىھەلىگەن بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 81 مىڭ كۋادېرات مېتىر كېلىدۇ، ئۇ، يىغىن مەركىزى، كۈتۈۋېلىش مەركىزى ۋە كۆرگەزمە مەركىزى قاتارلىق ئۈچ فۇنكسسىيە رايونى بۆلىكىدىن تەركىب تاپقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى