خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26- ئۆكتەبىر، ئىراقتىكى موسۇل شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدا، ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاتلاندى.
ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدىكى جەڭ داۋاملىشىۋاتقىلى ئون كۈنگە يېقىن بولدى، ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە كۇرد قوراللىقلىرى ئۈچ ئۇرۇش لېنىيەسىدە ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى، ئۇلار نۆۋەتتە موسۇل شەھىرى رايونىغا ئەڭ يېقىن جايغا پەقەت ئوننەچچە كېلومېتىرلا قالدى. ئىراق زوڭلىسى ئابادى ئۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى «مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى