باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئەمەلدارلار نېمىشقا موللاق ئاتقاندىن كېيىن ئاندىن ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش گەپ قىلىدىغان بولىدۇ؟

2016.10.26 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئارىسىدا بىر ئەمەلدارغا بولغان ئەڭ ياخشى ماختاش كۆپ ھاللاردا مۇنداق بولىدۇ: بۇ ئادەم ئازراقمۇ باشلىققا ئوخشىمايدۇ؛ بۇ ئادەم گەپ قىلغاندا قىلچە ئەمەلدارلىق كىبىرى يوق. ئەمەلدارلىق كىبىرى كۆپ ھالدا مۇھىت تەسىرى ۋە تەربىيەدىن كېلىدۇ .

  سەككىز قىسىملىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى «مەڭگۈ يولدا» يېقىندا كۆرسىتىلدى، مىنىڭ قارىشىمچە، فىلىمنىڭ يارقىن نۇقتىسى كىشىنى چۆچۈتىدىغان چىرىكلىك تەپسىلاتى ئەمەس، ياكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ سۆزلىگەنلىكى ئەمەس، بەلكى موللاق ئاتقان ئەمەلدارلارنىڭ كىبىرى نورمال ھالەتكە قايتىپ كەلگەنلىكىدەدۇر.

  بەزى ئەمەلدارلار سۆز قىلغاندا چوڭ گەپ قىلىشنى، قېلىپلىشىپ كەتكەن تەكەللۇپ سۆز قىلىشنى، يالغان-ياۋىداق سۆز قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ چىن كۆڭلىدىن چىققان سۆزىنى ئاڭلاش ناھايىتى تەس. ئەمما، موللاق ئاتقاندىن كېيىن، بۇ ئەمەلدارلار ئاخىرى ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش گەپ قىلىدىغان بولىدۇ.

  تەختتە ئولتۇرغان چاغدا، ئۇلار مەردانە سۆزلەيدۇ ياكى تەنتەنە بىلەن سۆزلەيدۇ، ھەتتا ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، ھەيۋە قىلىدۇ. پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا بولغان تەقدىردىمۇ، بەزى خىيانەتچى ئەمەلدار يەنىلا نىقاب تاقىۋېلىپ، يالغان سۆز قىلىپ، يەنە كېلىپ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، مۇقىمسىز شارائىتتا تەمكىن تۇرىدۇ. قانچىلىغان ئادەم سوراققا تارتىلغاندىن كېيىن، ئاندىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىغا ئۆزىنىڭ ئىدىيەۋى ئەھۋالى، جىنايەت پاكىتىنى ئىقرار قىلغان؟ دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەندىن بۇرۇن، قانچىلىك ئادەم روھىي دۇنياسىغا تاقىلىدىغان چوڭقۇر ئويلىنىش، چوڭقۇر پۇشايمان قىلغان؟ خەلق ئارىسىدا بەزى ئەمەلدارلارغا بۇرۇنلا باھا بېرىلىپ بولغان: سەھنىدە ئۇ سۆزلەيدۇ، سەھنە ئاستىدا ئۇنىڭغا سۆزلەيدۇ.

  ئەمەلدارنىڭ ئاغزاكى، يازما ئىپادىلىشىدە گەرچە مەخسۇس دىكتورلۇق، رىياسەتچىلىكنى مەشىق قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاستىدىكىلەر ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ئالدىدا سۆز قىلىپ، يوليورۇق بەرگەن چاغدىكى تۇرقى، پېئىل دەرىجىلىرى، ئۆزىنىڭ ئەۋزەل ۋە تەكەببۇرلۇقىنى يوشۇرالمايدۇ؛ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرنىڭ ئالدىدا، يەنە بىر خىل ئوخشىمايدىغان كەمتەر، بويسۇنۇش قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ، پۈتۈنلەي باشقىچىلا بىر ئادەم بولۇپ قالىدۇ.

  خەلق ئارىسىدىكى ئەمەلدارغا بولغان ئەڭ ياخشى باھالاش مۇنداق بولىدۇ: بۇ ئادەم ئازراقمۇ باشلىققا ئوخشىمايدۇ؛ بۇ ئادەم گەپ قىلغاندا قىلچە ئەمەلدارلىق كىبىرى يوق. ئەمەلدارلىق كىبىرى كۆپ ھالدا مۇھىت تەسىرى بىلەن تەربىيەدىن كېلىدۇ. ئەمەلدارلار جامائىتىدىن قېچىپ چىققان بىرسى مۇنداق دېگەن: بىر قېتىم ئۇنىڭغا بىر ئاددىي تېلېفون ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلىپ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرغان، مەسئۇل رەھبەر يۈزمۈيۈز تۇرۇپ ئۇنىڭغا يوليورۇق بەرگەن، ئۇنىڭ قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقنىڭ كىبىرىنى چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان، كېيىن، ئۇ ئىش بېجىرگىلى كەلگەن ئاممىنىڭ ئالدىغا يۈزلەنگەندە، باشتىن-ئاخىر كىبىرىنى چىقىرالماي، جىمجىت ھالدا كېتىپ قالغان ئىكەن.

  ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، بىر قىسىم كىشىلەر چوڭ گەپ، قېلىپلىشىپ كەتكەن تەكەللۇپ سۆزلەر ئارقىلىق رەھبىرىي كادىرلىق ئورۇنىغا چىققان. نېمە ئۈچۈن دەل مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ ئەمەلدار بولۇش مۇساپىسى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؟ بەزى ئەمەلدار ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىنى خۇلاسە قىلغاندا، جامائەتچىلىككە جاكارلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان تەسىراتى شۇكى، ئەمەلدار بولۇشتا ئۆزىنىڭ سۆزىنى دېمەسلىك كېرەك، تېخىمۇ ئاسانلىقچە يۈرەك سۆزىنى دېيىشكە بولمايدۇ.

  سىياسىي ھاياتى ئاخىرلاشقاندا، ئاندىن مۇداپىئە سېپى بىتچىت بولامدۇ؟ تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشقا قويۇش تۈزۈمى قانداق قىلغاندا خىزمەتكە كىرگەن كىشىلەرنىڭ «سۆزلەش ئۆتكىلى»نى ياخشى ئىگىلەيدۇ؟ تۈزۈم لايىھەسىدە چوڭ گەپ، قېلىپلىشىپ كەتكەن تەكەللۇپ سۆزلەر، يالغان گەپنى توسۇش، كىشىلەرنى چىن قەلبىدىن سۆزلەشكە يول قويۇش ۋە ئىلھام بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر