باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆزنىكى

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنى ئىچىلىش ھارپىسىدا سەككىز «يولۋاس» قولغا ئېلىندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچىنىڭ پارا ئېلىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ

2016.10.26 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- ئۆكتەبىر، جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، باش كاتىپى نېي چۈنيۈ ۋە سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بەي يۈنگە ئايرىم-ئايرىم ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلدى، ئىككىسىگە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم 15 يىللىق ۋە 12 يىللىق قاماق جازاسى بەردى. ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنى ئىچىلىش ھارپىسىغا قەدەر، سەككىز «يولۋاس»نىڭ دېلوسى ئاياغلاشتى.

  تۆتىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى، ئۈچىنىڭ پار ئېلىش سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

  9-ئاينىڭ 30-كۈنى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى نەننىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، گۇاڭجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ۋەن چىڭلياڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، جىنەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ۋاڭ مىننىڭ پار ئېلىش دېلوسىغا ئايرىم-ئايرىم ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلدى.

  ئاخىرىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى بەي ئېنپېي، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى شېن ۋېيچېن، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تەن لى، شەنشى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جىن داۋمىڭ ۋە نيې چۈنيۈ، بەي يۈن قاتارلىق ئالتە كىشىنىڭ دېلوسىغا ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ ھۆكۈم ئېلان قىلىندى. يۇقىرىقى سەككىز كىشىدىن بەي ئېنپېيغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھۆكۈم قىلىندى؛ ۋەن چىڭلياڭ، شېن ۋېيچېن، تەن لى، جىن داۋمىڭ قاتارلىق تۆت كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى، قالغان ئۈچەيلەنگە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى، جازا مۇددىتى 12يىلدىن 15 يىلغىچە بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ سەككىز كىشى ئىچىدە ۋەن چىڭلياڭ، بەي ئېنپېي، جىن داۋمىڭ قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ پارا سوممىسى 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان. بۇلار ئىچىدە، ۋەن چىڭلياڭنىڭ پارا ئېلىش سوممىسى 110 مىليون يۈەن، جىن داۋمىڭنىڭ پارا ئېلىش سوممىسى 120 مىليون يۈەن بولغان، بەي ئېنپېينىڭ پارا ئېلىش سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ 247 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭدىن سىرت، بەي ئېنپېينىڭ يەنە كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان زور مىقداردا مال-مۈلكى بولۇپ، قانۇنلۇق كىرىمىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن.

  بەي ئېنپېي مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بەي ئېنپېي پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان موللاق ئاتقان، پارا ئېلىش سوممىسىدا ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان «يولۋاس» بولۇشتىن باشقا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (9) بۇلتۇر 11-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، جازا كېمەيتىشكە، شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدىغان تۇنجى كىشى.

  سوت مەھكىمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بەي ئېنپېينىڭ ئالغان پارا سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، جەمئىيەتتە ئىنتايىن ناچار تەسىر پەيدا قىلغان، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئەتىگە پەۋقۇلئاددە زور زىيان ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك ئىدى. ئۇنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىشى، دېلو بېجىرگۈچى ئورگانلار تېخى ئىگىلىمىگەن كۆپ قىسىم پارا ئېلىش جىنايىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇشى؛ جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلىپ، ھارام پۇل، ھارام مالنى تولۇق قايتۇرغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، قانۇنغا، ئەھۋالغا قاراپ يېنىك جازا بېرىلدى.

  تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇلتۇر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى ( 9 ) ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پارىخورلۇق قىلىش، چىرىكلىشىش جىنايىتىگە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىش كىرگۈزۈلدى. بۇ يىل 4 - ئايدا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن بىرلىشىپ، يەنە ئەدلىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈشنى ئېلان قىلىپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىپ دەرھال ئىجرا قىلىش ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولۇپ كەتكەن، ئادەتتە ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش يەنە يېنىكرەك بولۇپ قالغان زور خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتىگە ھۆكۈم قىلغاندا، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشنى قارار قىلىشقا بولىدىغانلىقى ئېنىق بولدى؛ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنسىلا، جازا مۇددىتىنى ئىجرا قىلىش مەزگىلىدىكى ئىپادىسىغا تەسىر كۆرسىتىلمەيدۇ.

  ئوبزوردا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىك جىنايىتى ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى بەدەل تۆلەتكۈزۈپ، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كىشىلەرنى خىيانەت قىلماسلىققا مەجبۇرلاش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاشتا مەلۇم چۆچۈتۈش رولىنى ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر