باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ زەھەر دېلوسىغا سوت ئېچىلدى

2016.10.27 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26- ئۆكتەبىر، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بىر قېتىملىق زەھەر يۆتكەش دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئاچتى، دېلوغا چېتىشلىق زەھەرنىڭ ئېغىرلىقى 19 مىڭ 796 گرام بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاپتونوم رايونىمىزدا سوت مەھكىمىسى بىرتەرەپ قىلغان ئەڭ چوڭ زەھەر دېلوسى ھېسابلىنىدۇ.

  ئەيىبلىگۈچى ئورگاننىڭ ئەيىبلىشىچە، بۇ يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەر ئەتراپىدا، جاۋابكار جاڭ ×× گۇاڭجۇدىن مۇز زەھەر يوشۇرۇلغان ئىككى قەغەز ساندۇقنى ئۈرۈمچىگە ھاۋالىلىك توشۇتقان. شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە، جاڭ ×× ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن.

  شۇ كۈنى سائەت 11 ئەتراپىدا ،جاڭ ×× ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتى ئەتراپىدىكى بىر ئەشيا ئوبوروتى شىركىتىگە كېلىپ، ھاۋالىلىك توشۇش بۆلۈمىدىن مال ئېلىۋاتقاندا، تورغاچۈشكەن. ئارقىدىن ساقچىلار توشۇشقا ھاۋالە قىلغان ئىككى قەغەز ساندۇقنى ئاختۇرۇپ، ئاق رەڭلىك كرىستال قاچىلانغان 30 خالتىنى تاپقان. باھالاش ئارقىلىق، بۇ 30 خالتا ئاق رەڭلىك كرىستال ئىچىدە مېتىلامفېتامىن (ئادەتتە «مۇز زەھەر»دەپ ئاتىلىدۇ) تەركىبى بارلىقى، ساپ ئېغىرلىقى 19 مىڭ 796 گرام، تەركىبى68.35% ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ چىقىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر