باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك دوستلارغا شىنجاڭنىڭ ياخشى جاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك

2016.10.27 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق تورى، بۈگۈنكى رۇسىيە خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، رۇسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق جۇڭگو ۋە رۇسىيە تاراتقۇ مۇخبىرلىرىدىن تەركىب تاپقان يىپەك يولىدىكى جۇڭگو ۋە رۇسىيە تاراتقۇلار زىيارەت ئۆمىكى 22-ئۆكتەبىردىن 25-ئۆكتەبىرگىچە گۈزەل شىنجاڭنىڭ مەركىزىي ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنى كۆرۈش، ئۈرۈمچى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرى ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلىش، ئۈرۈمچى يېڭى ۋوگزالىنىڭ قولاي قاتناش شارائىتى ۋە خاسلاشقان مۇلازىمىتىنى كۆرۈش ئارقىلىق شىنجاڭدىن ئىبارەت يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى بۇ يادرولۇق رايوننىڭ ئېچىۋېتىلگەن تەرەققىياتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ يەتتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭدا گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسى ۋە سېھرى كۈچكە تولغان مىللىي مەدەنىيەت بولۇپلا قالماي يەنە جۇڭگودىكى مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى، تىرانسپورت يولى، مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق بايلىقى چوڭ رايونى، دۆلەتلىك ئېكولوگىيەلىك بايلىق مەركەزلەشكەن رايونلار ۋە مۇھىم كۆپ خىل جانلىقلار توپلاشقان رايون، دۆلەتتە كەم تېپىلىدىغان مېتال بايلىقى بار، تاراتقۇلار ئامما ئۇچۇرغا ئېرىشىدىغان مۇھىم مەنبە، يىپەك يولىدىكى جۇڭگو ۋە رۇسىيە مۇخبىرلار ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرى ۋە ئويلىغانلىرى ئارقىلىق سىرتتىكىلەرگە ئەڭ ھەقىقىي بىر شىنجاڭنى چۈشەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شىنجاڭ ئىنتايىن زامانىۋى ئېچىۋېتىلگەن، دوستانە ماكان، شىنجاڭ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى جاي.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر