باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى جاۋ گومىڭ 5 مىليون يۈەندىن كۆپ پارا ئالغان دەپ ئەيىبلىنىپ سوتلاندى

2016.10.27 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇدىرى جاۋ گومىڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 26-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى، جاۋ گومىڭ 5 مىليون 393 مىڭ 144 يۈەن پارا ئالغان دەپ ئەيىبلەندى.

  2015-يىلى 9-ئاينىڭ 18-سېنتەبىر، جاڭ گومىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، شۇ يىلى 30 - سېنتەبىر قولغا ئېلىنغان.

  ئەيىبلىگۈچى ئورگاننىڭ ئەيىبلىشىچە، 2009-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، جاۋابكار جاۋ گومىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ قۇمۇلدىكى مەلۇم سودا - سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار ۋە ۋاڭ ×× قاتارلىق شەخسلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلارغا ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىش، يەرنى ھۆددىگە ئېلىش، قۇرۇلۇش تونۇشتۇرۇش، خىزمىتىنى يۆتكەش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، باشقىلاردىن جەمئىي 5 مىليون 393 مىڭ 144 يۈەن پۇل - مال پارا ئالغان، سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ، پارا ئېلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  جاۋ گومىڭنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋوكاتى سوتتا ئاقلاشقا قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر