باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ياشانغانلار ئىشخانىسى: تۆت يىلدىن كېيىن دۆلىتىمىزدە ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنىڭ سانى 42 مىليونغا يېتىدۇ، 80 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلار 29 مىليونغا يېتىدۇ

2016.10.27 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ياشانغانلار ئىشخانىسى سىياسەت تەتىقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جىخوڭ 26- ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: مۆلچەرلىنىشىچە، تۆت يىلدىن كېيىن، يەنى 2020- يىلى، دۆلىتىمىزدە ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنىڭ سانى 42 مىليونغا يېتىدۇ، 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ سانى 29 مىليونغا يېتىدۇ.، دېدى.

  لى جىخوڭ 26- ئۆكتەبىر ئېچىلغان 2016- يىللىق (تۇنجى نۆۋەتلىك) بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي كۈتۈنۈش مۇنبىرىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ قېرىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلىشى بارغانسىرى جىددى ھالەتتە تۇرماقتا. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئىقتىدارىدىن قېلىش، بەك ياشىنىپ قېلىش، غېرىبانە ئائىلە ۋە يالغۇز تۇرۇش دېگەندەك كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىكى نۇقتىلىق ئوبيېكتلار زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.

  مۆلچەرلىنىشىچە، ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنىڭ سانى 2020- يىلدىكى 42 مىليوندىن داۋاملىق ئۆرلەپ، 2030- يىلى 61 مىليون 68 مىڭغا، 2050- يىلى 97 مىليون 500 مىڭغا يېتىدىكەن؛ 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئۆرلەپ، 2020- يىلى 29 مىليونغا، 2030- يىلى 43 مىليونغا، 2050- يىلى 108 مىليونغا يېتىدىكەن؛ غېرىبانە ۋە يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ سانى داۋاملىق ئېشىپ، 2020- يىلى 118 مىليونغا، 2030- يىلى 180 مىليونغا، 2050- يىلى 262 مىليونغا يېتىدىكەن.

  لى جىخوڭ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل تەرەققىيات ۋەزىيىتى دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىشلىرى ۋە كەسپى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ، بىر تەرەپتىن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، يەنە بىر جەھەتتىن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ چوڭ پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر