باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ جۇڭگو تېبابەت دورىلىرى ئالىي مائارىپ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى

2016.10.27 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى 26-ئۆكتەبىر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ جۇڭگو تېبابەت دورىلىرى ئالىي مائارىپ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە، 3-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى جۇڭگو تېبابەت دورا مەكتەپلىرىگە قاراشلىق دوختۇرخانىلار ياكى ئوقۇتۇش دوختۇرخانىلىرىدىن ئىبارەت. مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك جۇڭگو تېبابەت دورىلىرى ئىدارىسى داۋالاش بىلەن مائارىپنىڭ تەڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىلىنىكا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن مۇنۇلار ئايان بولدى: 1956-يىلى گوۋۇيۈەن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، چېڭدۇدا تۆت جۇڭگو تېبابەت ئىنستىتۇتىنى تەستىقلاپ قۇرۇغاندىن بۇيان، جۇڭگو تېبابەت دورىلىرى ئالىي مائارىپىنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە ئالىي جۇڭگو تېبابەت دورا مەكتىپىدىن 42 سى بار، بۇنىڭ ئىچىدە، مۇستەقىل تەسىس قىلىنغان تولۇق كۇرس جۇڭگو تېبابەت دورا ئالىي مەكتىپىدىن 25 ى بار، 238 ئالىي مەكتەپ جۇڭگو تېبابەت دورا كەسپىنى تەسىس قىلغان. 3-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جۇڭگو تېبابەت دورا مەكتەپلىرىگە قاراشلىق دوختۇرخانىلار ياكى ئوقۇتۇش دوختۇرخانىلىرىدىن ئىبارەت، بۇلارنىڭ ئىچىدە، بىۋاسىتە قاراشلىق دوختۇرخانا 64 بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، رايون تەسىرى چوڭ بولغان جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئورگانلىرىنى ئاساسەن قاپلىغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ دالياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، جۇڭگو تېبابەت دورىلىرى ئالىي مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش جەريانىدا يەنىلا بىر قىسىم زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ساقلانماقتا. جۇڭگو تېبابەت دورىلىرى ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇشى بىلەن جۇڭگو تېبابەت دورا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ جۇڭگو تېبابەت دورىلىرى مائارىپىنىڭ جەلپكارلىقى يېتەرسىز، جۇڭگو تېبابەت دورىلىرى كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ ئىدىيەسى يەنىلا پۇختا ئەمەس؛ جۇڭگو تېبابىتى كىلىنىكىلىق ئوقۇتۇش بازىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى كەينىدە قالغان، جۇڭگو تېبابەت كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە كىلىنىكا ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر